كوممۇنىست خىتاي ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن رىقابەتلەشمەكتە

1992‏ - يىلىدىن 1997‏ - يىلىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ خوڭكوڭدىكى باش ۋالىسى بولۇپ تۇرغان كىرىستوفېر پاتتىن ئەپەندى يېقىندا خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزى يازغان يېڭى كىتابىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بۇ يېڭى كىتابىدا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.25
G20-Xu-Abdulla-Sarkozy-305.jpg 15 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، 20 ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﭘﯘﻝ - ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﺳﺎﺋﯘﺩﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﯞﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺳﺎﺭﻛﻮﺯﯨﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ.
AFP Photo

مۇستەبىت تۈزۈم يۈرگۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان دۆلەتلەر كوممۇنىست خىتاينى ھېمايە قىلماقتا

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، پاتتىن ئەپەندى ھازىر ئەنگلىيىدىكى ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇ يېقىندا كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بىر كىتاب يازغان.

 - پۈتۈن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ ئىشلىرى سىياسىي ئەركىنلىك ۋە ئەركىن سودا مۇھىتىدا يۈرۈشۈۋاتقان ئىدى، - دەپ بايانىنى باشلايدۇ پاتتىن ئەپەندى 'خىتاي پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيە تۈزۈمى بىلەن رىقابەتلەشمەكتە' سەرلەۋھىلىك يېڭى كىتابىدا، - كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئورنى ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئۇ سىياسىي ئەركىنلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان دېموكراتىيە تۈزۈمىگە رىقابەت قىلىشقا باشلىدى.

كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ رىقابىتى ھازىر دۇنيادا مۇستەبىت تۈزۈم يۈرگۈزۈپ تېخىچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان دۆلەتلەرنىڭ، ھەتتا ئافرىقىدىكى مۇستەبىت تۈزۈمنى ياقلايدىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ھېمايىسىگە ئېرىشمەكتە.

خىتاي 'دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلىمەي بېيىش مۇمكىنلىكى'نى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ

پاتتىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆزىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈچۈن بىرەر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ ھەرىكەتكە ئاتلىنىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.

بەلكى ئۇ خىتاينىڭ پۈتۈن ئەرزان ئەمگەك كۈچى، يەر - زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى سەرپ قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكەن ئىقتىسادىي بايلىققا تايىنىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەدەپ دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلىمەي بېيىش مۇمكىنلىكىنى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ.

غەرب ئەللىرىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان دېموكراتىيە خىتايدا ئەمەلگە ئاشمىدى

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىرىستوفېر پاتتىن ئەپەندىنىڭ بۇ يېڭى كىتابى ھەققىدە توختالغان خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى جېن يۈشو مۇلاھىزىسىدە 'غەرب ئەللىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەمئىيەتكە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن بىلەن ئىدارە قىلىدىغان تۈزۈم ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ئەمەلگە ئاشمىدى' دېگەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات گەرچە ئۇلارغا تېخىچە مۇكەممەل دېموكراتىيە ئېلىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ھەر بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، كىشىلىك ئىپتىخارى مەلۇم دەرىجىدە ھۈرمەتكە ئىگە بولدى. ئەمما خىتايدا بۇنداق ئالامەت يوق.

مۇستەبىتلىك، ئەركىنلىك بولمىغان ۋە سودىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان مودىل ھەرگىز غەلىبە قىلمايدۇ

ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە ھازىر خىتايدا ئىقتىساد تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مۇستەبىت تۈزۈم قىلچە ئاجىزلىمىدى، كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلانمىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ جەھەتلەردە ياخشىلىنىش بولۇشتىن بىشارەت يوق.

ئەمما خىتاينىڭ بۇنداق تەرەققىيات مودېلى - مۇستەبىتلىك، ئەركىنلىك بولمىغان ۋە سودىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بۇنداق مودىل، خۇددى پاتتىن ئەپەندى ئېيتقاندەك، ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا دېموكراتىيە تۈزۈمى تەمىنلەيدىغان بىخەتەر ئاچقۇچ يوق.

خىتاي ھۆكۈمىتى 'كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ئۈستۈنلۈكى'دىن پايدىلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا زور تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلدى

بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چىن خۇيزېڭنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ئۈستۈنلۈكى'دىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ مەبلىغىنى جەلىپ قىلىپ، ئۇنىڭدا ئىشلەنگەن تاۋارلارنى ئېكىسپورت قىلىش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىدا ناھايىتى چوڭ تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلدى.

خىتايدىكى بۇنداق ھالەتنى پەقەت ئىشچى - دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مۇمكىن

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىق باشقا دۆلەتلەردە مەسىلە پەيدا قىلدى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ خەلق 'تەرەققىيات' تىن نەپ ئالالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئەرزان ئەمگەك كۈچى، يەر - زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭغا دوللار دەپ ئاتىلىدىغان 'كۆك قەغەز' تېگىشىپ كەلدى، خالاس.

خىتايدا ئۈستۈنلۈك بار دېيىلسە، پەقەت مۇشۇنداق بىر 'ئۈستۈنلۈك' بار. خىتايدىكى بۇنداق ھالەتنى پەقەت ئىشچى - دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مۇمكىن.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.