بىر تۈركۈم خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ تىبەتتىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىنكاسى


2008.03.18

Tibetan_shoot-dead-2_200.jpg
ئابېي ناھىيىسىدە، ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆلتۈرۈلگەن. سۈرەتنى، تىبەت دىنىي ئىشلار فوندى تەمىنلىگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تىبەتتىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى تۇتتى، پەقەت ئاز بىر قىسىملىرىلا بايانات ئېلان قىلىپ مەيدانىنى ئىپادىلىدى. مانا بۇلاردىن بىرى، بۇ يىل 1 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىدۇر. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بۇ يىل 15 ‏ - مارت ۋە 17 ‏ - مارت كۈنلىرى بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىدى، پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتىپ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا قارىتىپ مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، تىبەت ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى.

خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى

تىبەتلىكلەرنىڭ يېرىم ئەسىردىن بېرى ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىدىن تامامەن مەھرۇم ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، 14 ‏ - مارت لاسا ۋەقەسى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1989 ‏ - يىلىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق قەتلىئامى دەپ ئەيىبلەنگەن. باياناتتا يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش دەپ ئاتالغان سىياسىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى يەر ئىگىلىرىنى، ئىقتىساد ئىگىلىرىنى ۋە زىيالىيلارنى، دىنىي زاتلارنى يەنى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قاتلاملىرىنى قىرغىن قىلىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بولۇپمۇ، شىزاڭ بۆلگۈنچىلىرى نامى ئاستىدا تىبەتلىكلەرنىڭ، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرى نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. تىبەتلىكلەرنىڭ ئىسيانكار روھىغا ئاپىرىن ئوقۇغان بايانات، خىتاي خەلقىنى تىبەت خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللاشقا ۋە ئۇنىڭ زۇلۇمغا قارشى جەڭگىۋارلىقىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان.

Tibetan_shoot-dead-1_200.jpg
بۇ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن تىبەتلىك ياش بولۇپ، ئوق ئۇنىڭ كۆكسىگە ۋە ئوڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا تەككەن. سۈرەتنى، تىبەت دىنىي ئىشلار فوندى تەمىنلىگەن.

ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت دۇنياغا قىلغان مۇراجىتىدە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ، تىبەتتە دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە، مەنپەئەتپەرەستلىكتىن ۋاز كېچىپ ھەققانىيەت تەرىپىدە تۇرۇشقا ۋە تىبەت خەلقىنى يالغۇز قويماسلىققا چاقىرغان. بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ 14 ‏ - مارت لاسا توقۇنۇشىغا بايانات بەرگىنىدە، ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا چاقىرىشىنى تەنقىد قىلغان مۇراجىئەت، ئەسلىدە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى كېرەك بولغان تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپ ئەمەس، پەقەت بىر تەرەپ يەنى زامانىۋىي ھەربىي قورال ساھىبى بولغان خىتاي تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

دۇنيادىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھەققانىيەت تەرىپىدە تۇرۇشى كېرەك

خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر كۆپ ساندىكى خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، شىنتاڭرېن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت ھەققىدىكى بىر قاتار گۇمانلىق سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغان، سانى كۆپ بولمىغان بىر تۈركۈم خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنىدۇر. بىز باياناتچى تاڭ بوچياۋ بىلەن تىبەت توقۇنۇشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

DC-namayish-tibet-uyg2-200.jpg
ۋاشىنگتون خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى تىبەت - ئۇيغۇر نامايىشى. RFA Photo

بىز ئۇنىڭدىن، تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ نامايىش جەريانىدا زورلۇق ۋاستىلىرىنى قوللانغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ دىكتاتور بىر ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئاستىدا بۇ خىل قارشىلىقنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ توغرا چۈشىنىشنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلىدى: " توقۇنۇشتا بىر تەرەپ بارلىق ھەربىي قوراللارغا ساھىپ، يەنە بىر تەرەپ قۇرۇق قول بولغاندىن كېيىن، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئەخلاق ئۆلچىمى قويغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە بارلىق جەمئىيەتلەردە ئىختىلاپلار بولىدۇ، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بۇ ئىختىلاپلارنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىز خىتاي نامايىش قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇققا يول قويمىغانلىقى سەۋەبىدىن، مەزكۇر ۋەقە كېلىپ چىققان دەپ قارايمىز."

"تەيۋەننىڭ ئىككىنچى بىر تىبەت بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار"

خىتايچە ب ب س خەۋەر تورى خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا كىتابخانلىرىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە ئاچقان. سەھىپىگە خىتاي ئىچى - سىرتىدىن ئىنكاسلار يېزىلغان. ئىنكاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا، خىتاينىڭ باستۇرۇشى توغرا دەپ باھا بېرىلگەن. ئەمما ئىنكاس قايتۇرغۇچىلارنىڭ قايسى خىل پىكىر ئېقىمىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس، پەقەت خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم.

بىر قىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرى يۇقىرىقىدەك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان پەيتتە، تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى شې جىنچاڭ تىبەتتىكى ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ ۋەقەدىن دەرس چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغىنىدا، تەيۋەننىڭ ئىككىنچى بىر تىبەت بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنى ئەسكەرتتى ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىنىڭ ۋاز كېچىلمەسلىكىگە ئىشارەت قىلدى. تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ما يىڭجيۇ تىبەتتىكى ۋەقە توغرىسىدا خىتاينى ئەيىبلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن يېقىنلىشىش پىلانىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.