0:00 / 0:00
بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ياش مۇخبىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
بۇ ئۇيغۇر ياش، خىتاينىڭ دىنىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىم كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇنداق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزسىمۇ، لېكىن بەرىبىر نەتىجە قازىنالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالمۇتادىكى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.