ئامېرىكا، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى 27 - مارت كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يىللاردىن بۇيان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ، بۇ يىل يەنە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىدىغان، ھەمدە بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت قاتارىغا تىزىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكى كومىتېتى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس خانىم بۇ يىل 16 - يانۋار ئىمزا قويۇپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر بۇ ھەپتىگىچە جامائەتكە ئاشكارىلانمىغان.

ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس تەرىپىدىن تەستىقلانغان مەزكۇر تىزىملىككە، خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۆزبېكىستان، شىمالىي كورىيە، سۇدان، بىرما، ئىران ۋە ئافرىقىدىكى ئېرىترىيە دۆلىتى قاتارلىق 8 دۆلەت كىرگۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھارپىسىدا، دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزبېكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلارغا قارىتىلغان جازا قوللىنىش تەدبىرىنى بىكار قىلغاندىن باشقا پاكىستان، تۈركمەنىستان، ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ دىنى ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى فېلىسى گىر خانىم : " كوندالىزا رايس خانىمنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى بۇ تىزىملىككە قوشماسلىقى ھەمدە ئۆزبېكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قارىتىلغان جازالاش پىكرىنى بىكار قىلىشى كومىتېتىمىزنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى" دېگەن ۋە ئۆزبېكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دىنىي ئەركىنلىك مۇھىتىنىڭ "كىشىنى چۆچۈتىدىغان" دەرىجىدە ناچار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىدىن دوكلات ۋە سىياسىي تەكلىپلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگان بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى دىنىي ئېيتقان ئەركىنلىك دەرىجىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلى كەلمەكتە.

مەزكۇر كومىتېت 2008 - يىلى مايدا ئېلان قىلغان دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتا خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلات داۋاملىق ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ دىنىي ئېيتقان ئەركىنلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

2008 - يىلى مايدا ئېلان قىلىنغان دىنىي ئېيتقان ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2008 - يىلىمۇ ئۇيغۇر تىبەت ۋە خىتايدىكى باشقا دىنغا ئىشەنگۈچى خەلقلەر دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بۇ خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى پەرقى تۈپەيلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن " خۇراپىيلار" دەپ مازاق قىلىنىپ ۋەھشىيلىككە ئۇچراش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.