ۋاڭ زوئەن : "خىتايدا پارتىيە ئەزاسى بولمىغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن بولسا، بۇ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ"

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى تور بەتلىرىدە بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشلار ۋە رادىئومىز ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمان رېستورانلىرىنى تاقىماسلىق، ساقال قويغانلارنىڭ ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىش ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان مۇسۇلمان كادىرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويماسلىق قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلغان.

0:00 / 0:00

ھالبۇكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى دىنغا مەسئۇل خادىملار ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

"پارتىيىسىز ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەشنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ"

ئامېرىكا خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، خىتاينىڭ دىنىي ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلىرى 10 - سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ رايبۇرن سارىيى ۋە 11 - سېنتەبىر ئامېرىكا برۇكىڭس تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا دوكلات بەردى.

11 - سېنتەبىر برۇكىڭ تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن جەريانىدا، خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋاڭ زوئەن، خىتايدا پارتىيە ئەزاسى بولمىغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن بولسا، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بەتلىرىدە "رامىزان مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى" ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

" ساقال قويغان ۋە چۈمبەل ئارتقان شەخسلەرگە قارىتا ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىش"

ئاقسۇ ۋىلايىتى ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن بىر پارچە ئۇقتۇرۇشتا " ساقال قويغان ۋە چۈمبەل ئارتقان شەخسلەرگە قارىتا ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىپ، ساقاللىرىنى قىردۇرۇش ۋە چۈمبەللىرىنى ئالدۇرۇش كېرەك"دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا يەنە "ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا قارىتا تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدارە ‏ - ئورگانلاردا يۈز بەرگەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى دەرھال ھەل قىلىشى ھەمدە روزا تۇتۇش ئىشلىرىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش لازىم" دەپ كۆرسىتىلگەن.

دىئالوگ جەريانىدا خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋاڭ زوئەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدە پەقەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭلا دىنغا ئىشىنىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئەمما، باشقا ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ دېگەن بەلگىلىمە يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

" بىزدە ھۆكۈمەت خادىملىرى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ دېگەن بەلگىلىمە يوق"

ۋاڭ زوئەن مۇنداق دېدى: " بىزدە ھۆكۈمەت خادىملىرى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ دېگەن بەلگىلىمە يوق. ئەگەر بولسا بۇ جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ. بۇنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك."

ئۇ يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ھەققىدە توختالغاندا، خىتايدا بارلىق كىشىلەرنىڭ تۇغۇلۇپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي سىياسىتى ھەققىدە توختالغان خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار باش ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ زوئەن بولسۇن ۋە ياكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى مەسئۇل خادىملار بولسۇن ئۇيغۇر ئېلىدە دىنغا قارىتىلغان چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ بولۇشى ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتى.

خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى مەسئۇل خادىملار ئۇيغۇر ئېلىدە دىنغا قارىتىلغان چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ بولۇشى ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتى

يۇقىرىدىكى خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار دىئالوگ ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانا خادىمى شاۋ جېننىڭ بايانلىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق خاھىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاساسسىز دەپ رەت قىلدى.

ئەمما شاۋ جىن يەنە ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدە راستىنلا شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولسا خىتاينىڭ دىنغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: "مەنچە بۇمۇ دىنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ."

ئۇ يەنە، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ باشقىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا ھازىر نۇرغۇن ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتىپ يۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھالبۇكى، رادىئومىز يەرلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ تاقىلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئاشخانا ئېچىشنى رەت قىلغان كىشىلەرگە جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جازا قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان ۋە چۈمبەل ئارتقان ئاياللارنىڭ چۈمبەللىرىنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋېتىش چارىلىرىنى يولغا قويغان.

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە، مەسچىتلەر بىلەن بولغان ئالاقە قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، يېزا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خادىم بەلگىلەپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ مەسچىتتىكىلەر بىلەن ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم، رامىزان مەزگىلىدە ئاز دېگەندىمۇ سەككىز قېتىم كۆرۈشۈش، مەسچىت، دىنىي زاتلار ۋە نۇقتىلىق شەخسلەرنىڭ ئەھۋالىنى قەرەلسىز ئىگىلەپ تۇرۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان.

ئادىلجان ھاجىكېرىم: ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي سىياسەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، مەسچىتلەرنىڭ ئادەملەر بىلەن توشۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېكايە قىلدى

قارىماققا، بۇخىل بەلگىلىمىلەرنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار ناتوغرا دەپ قارايدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما، بۇ مەيلى ئەلجەزىرە ۋە مەيلى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ھەمدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىن بىۋاستە ئىگىلىگەن مەلۇماتلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتا چەكلەش سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگنى " ئامېرىكا - خىتاي ئىشلار گۇرۇپپىسى" تەشكىللىگەن بولۇپ، دىئالوگ ئۆمىكىگە خىتاي تەرەپتىن خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ زۇئەن باشچىلىقىدىكى دىنىي جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن، خىتاي دۆلەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىلجان ھاجىكېرىم، خىتاي خرىستئان دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى كەن باۋپىڭ ۋە بۇددا دىنىي، تەرىقەتچىلەر دىنىي مەزھەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، 7 كىشى قاتناشتى.

ئادىلجان ھاجىكېرىم ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بولۇپ، ھازىر خىتاي مەركىزى بېيجىڭغا جايلاشقان دۆلەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. بىز ھەر ئىككىلا كۈندىكى يىغىن ئاخىرىدا ئادىلجان بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتى ھېققىدە سۆزلىشىشكە ئۇرۇنغان بولساقمۇ، ئۇ زۇۋان سۈرمەي جىم تۇرۇۋالدى.

لېكىن يىغىن جەريانىدا ئادىلجان ھاجىكېرىم، ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي سىياسەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، مەسچىتلەرنىڭ ئادەملەر بىلەن توشۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېكايە قىلدى.