يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن خىتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتى دىئالوگ ئۆمىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا دوكلات بېرىش ۋە برۇكىڭس تەتقىقات مەركىزىدە باشقىلار بىلەن خىتايدىكى دىنىي سىياسەت ھەققىدە دىئالوگ ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبلىك بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىشىگە ئانچە كۆپ ئورۇن بېرىلمىگەن ئىدى.
زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغان لودى گەرىي ۋە خاررىي ۋۇ زىياپەتكە قاتناشتۇرۇلمىغان
بۇ خىل ئەھۋال مەزكۇر ئۆمەكنى ئۇزىتىش ئۈچۈن بېرىلگەن زىياپەتتىمۇ سادىر بولغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغان دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گەرىي ۋە خىتاي لوگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خاررىي ۋۇ )ۋۇ خوڭدا( قاتارلىقلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى سەۋەبلىك زىياپەتكە قاتناشتۇرۇلمىغان.
" ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى" دە خەۋەر قىلىنىشىچە، زىياپەت دىن ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، لودى گەرىي ۋە خاررىي ۋۇلارنىڭ زىياپەت چاقىرىقى زىياپەت باشلىنىشتىن 3 سائەت بۇرۇن بىكار قىلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەسلىدە ئوچۇق دىئالوگ ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ زىياپەت خىتاي تەرەپنىڭ تەكلىپى بۇيىچە" چاي سۆھبىتى " گە ئۆزگەرتىلگەن ۋە خىتايدىن كەلگەن دىئالوگ ئۆمىكى بىر ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، مەزكۇر زىياپەتكە قاتناشقان 40 چە مېھماننىڭ پەقەت توققۇز نەپىرىلا خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.
بىر مېھمان: " زىياپەتنىڭ مەقسىتى ئەسلى ئوچۇق دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى"
"ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى"دە نەقىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر زىياپەتكە قاتناشقان بىر مېھمان: "خىتاي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زىياپەتنىڭ مەقسىتى ئەسلى ئوچۇق دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. ئەمما ئۇلار ئامېرىكىدىمۇ بۇ خىل دىئالوگنى ئۆزلىرىنىڭ شەرتى بۇيىچە ئېلىپ بارىدىغاندەك قىلىدۇ" دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، لاۋگەي تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خاررىي ۋۇ، گەرچە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق زىياپەت جەريانىدا خىتاي تەرەپ بىلەن خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە:" ئامېرىكىغا كېلىشنى خالىغانكەنسىز، بۇ يەرگە چوقۇم سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تەييار بولۇپ كېلىشىڭىز كېرەك" دېگەن.
زىياپەت ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى لودى گەرىي ۋە خاررىي ۋۇنىڭ مەزكۇر زىياپەتكە قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە زىياپەت ساھىبخانلىرى دەرھال لودى گەرىي ۋە خاررىي ۋۇغا تېلېفون قىلىپ ئۇلاردىن ئەپۇ سورىغان.
بۇندىن 10 نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دىنلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتى ئۈستىدە دىئالوگ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ 7 كىشىلىك دىئالوگ ئۆمىكى ئامېرىكىغا ئەكەلگەن بولۇپ، 10 - سېنتەبىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رايبۇرن سارىيىدا مەزكۇر ئۆمەك خادىملىرى بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئەمما شۇ كۈنلۈك يىغىنغىمۇ ئامېرىكىدىكى قارشى پىكىردىكى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى قاتناشتۇرۇلمىغان ۋە بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا، سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى تولۇق بىلىشكە ئىمكان بولمىدى.
شۇ كۈنى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن خىتاي ئەلچىخانا خادىمى شاۋ جېن بۇ دىئالوگنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسى سەۋەبنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
يىغىن مۇددەتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان
لېكىن، 11 - سېنتەبىر برۇكىڭس تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئېلىپ بېرىلغان دىئالوگ، سوئال - جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەۋەسىدىكى مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتى، خرىستىئان دىنى كومىتېتى، بۇددا ۋە تەرىقەتچىلەر دىنلىرى جەمئىيەتلىرىنىڭ رەئىسلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۆمەك ئەزالىرى سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە ھەر قايسى دىنلارنىڭ خىتايدىكى ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سورالغان كۈچلۈك سوئاللارغا دۇچ كەلگەن ھەمدە يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى يىغىننى مۇددەتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
ھەر ئىككىلا قېتىملىق يىغىن ئاخىرىدا خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى خىتاي دىئالوگ ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىلجان ھاجى كېرەمنى رادىئومىز مۇخبىرلىرىدىن يىراق تۇتۇشقا تىرىشقان بولسا، ئادىلجانمۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى.