ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتايدىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇلار ئەۋەتكەن بارلىق ماتېرىياللارنى قاتتىق تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان.
ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ئوقۇش جەريانىدا ساختىلىق قىلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ , بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايدىن كەلگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇ سەۋەبلىك چارە كۆرۈلگەن.
مەسىلەن، فرانسىيىنىڭ تولۇن شەھىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس كەسىپكە كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدىن ئېلىنىدىغان فرانسۇز تىلى ئىمتىھانىغا 300 خىتاي ئوقۇغۇچى قاتنىشىپ ھەممىسى ئۆتكەن. بۇ ئەھۋال باشقا دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنى گۇمانغا قويغان. چۈنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە فرانسۇز تىلىدا مۇكەممەل بولۇش، ھەم ئىمتىھاندىن 100% ئۆتۈش، باشقا دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل سەۋىيىسى چاغلىق بولۇپ، ئادەتتە ئۇلارنىڭ فرانسۇز تىلى سەۋىيىسى ھەر قانداق بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تۆۋەن ئىكەن. لېكىن خىتاي ئوقۇغۇچىلار، ئۆز ئورنىغا باشقىلارنى ئىمتىھان بەرگۈزۈش، پۇل خەجلەپ باشقىلارنى ئۆزى ئۇچۇن ئىمتىھان بەرگۈزۈش يولى بىلەن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. مەسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر تەرىپى شۇكى، كېيىن بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار رەسمىي كەسىپ ئۆگىنىشكە كىرىشكەن، ھەمدە مەكتەپ پۈتتۈرۈش دىپلومىنى 2700€ غا سېتىۋالغان.
بۇ ئىش دەسلەپكى چاغلاردا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپ دائىرىلىرى بۇ ئىشنى سەزمىگەن. پەقەتلا، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرسى دوكتورلۇقنى ئوقۇماقچى بولۇپ پروفېسسور بىلەن سۆزلەشكەندە، پروفېسسور بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ فرانسۇزچە بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە تىل بىلمەي تۇرۇپ، بۇ دىپلومنى قانداق ئالغانلىقىدىن ھەيران قالغان ۋە گۇمانلانغان، ھەم بۇ ئىشنى فرانسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلغان. قاتتىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، نەچچە يۈزلىگەن خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ دىپلومنى پۇلغا سىتىۋالغانلىقىدەك سەتچىلىك ئاشكارىلانغان.
ئوخشاش ئەھۋال ئەنگلىيە ۋە كانادادىمۇ بايقالغان بولۇپ، كانادادىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولغان. كانادادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساختا دىپلوم، ساختا ۋىزا، ھەتتا ساختا پاسپورت ياساش دېلوسى،
[ www.BackAlleyPress.comOpens in new window ]
تور بېتىنىڭ 2007 - يىلى 24 - ماي كۈنىدىكى سانىدا پاش قىلىنغان ئىدى. دوكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا كەسپىدە ئوقۇيدىغان 9 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى مەكتەپتىن قوغلانغان.
خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساختىلىق قىلىش ئەھۋالى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ئىلگىرى مالايشىيادا 3 يىل ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئېلشات ئەپەندى، مالايشىيادىكى ئەھۋالنى مۇنداق بايان قىلدى.
ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇش تۈزۈلمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل، تۇزۇم قاتتىق بولغىنى ئۇچۇن بۇ دۆلەتلەردە، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش ئەھۋالى بىرقەدەر ئاز بولغان، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇلغا دىپلوم سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆز بويامچىلىقلىرىنى قىلىشىغا يول قويۇلمىغان.
ئىلگىرى ياپونىيىدىكى توكاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا 7 يىل پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن مۇختەر ئەپەندى ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەكشۈرۈش ناھايىتى قاتتىق بولغىنى ئۇچۇن، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساختىلىق قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئەمما ئامېرىكىغا كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايدا تەييارلانغان ماتېرىياللىرىدا ساختىلىقلارنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى خىتايدىكى پروفېسسورلاردىن ئېلىپ كەلگەن تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ھەم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆزى ئىگىلىگەن بەزى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ھەممە نەرسىنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان خىتايدا ھەتتا بىلىمگىمۇ ساختىلىق قىلىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالغان بولۇپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ناچار ئىللىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا ئايلانماقتا.