بەلكى يىغىننىڭ ئاخباراتىدا پەقەت 'يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش'، 'شەھەر بىلەن يېزىلارغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش' دېگەننىلا تەكىتلىدى ۋە بۇنى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى، دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يېزىلاردا ئۈچىنچى ئومۇميىغىننىڭ روھىنى ئاڭلىتىش دېگەن ھەرىكەت باشلاندى. بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، خىتاي يېزىلىرىدا ھۆكۈمەت شىركەتلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ھەرىكەتلىرى بارغانسىرى ئەۋج ئالدى.
تۈنۈگۈن سەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىدە دېھقانلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن سەندۇڭنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى لۇەنسۈن يېزىسىدا، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلەپ ۋە تۇرالغۇلىرىنى چاقىدىغان شىركەتچىلەرنىڭ قارا جەمئىيەت كىشىلىرى بىلەن كەنت پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي توقۇنۇش يۈز بەردى.
گۇاڭدۇڭنىڭ جاۋچىڭ، گۇاڭنىڭ ناھىيىلىرىدىمۇ تۈمەنلىگەن دېھقان يەر ئىگىلىگۈچىلەرنى قوللىغان ھۆكۈمەت ساقچىلىرى بىلەن قاتتىق تۇقۇنۇشتى.
ھازىر دېھقانلار خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ 'ئوتوپىيە' سىگە ئىشەنمەيدۇ
خىتاينىڭ 'مالىيە خەۋەرلىرى' گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چى جېساڭنىڭ ھازىرقى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەققىدە يازغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدا يەرلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىش بۇيىچە سادىر بولۇۋاتقان دېلولار كۆپىيىۋاتىدۇ، بەلكى بۇ مەسىلە ھازىر كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلىشىپ ئىجتىمائىي زىددىيەتكە ئايلىنىپ قالدى.
ئاپتور بۇ ئوبزورىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'زومىگەرلەرگە زەربە بېرىش، يەرلەرنى تەقسىم قىلىش' دېگەن ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 1950 - يىلى ئېلان قىلىنغان 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر قانۇنى' دا 'يەرلەر پومېشچىكلاردىن تارتىۋېلىنىپ دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ' دەپ جاكارلىدى. 1958 - يىلى 'يېزىلاردا يەرلەر كوللېكتىپ ئىگىلىكىدە بولىدۇ' دەپ جاكارلىدى. 2004 - يىلى تولۇقلانغان قانۇندا ' شەھەرلەردە يەرلەر دۆلەت ئىگىلىكىدە، يېزىلاردا قانۇن بۇيىچە دۆلەتنىڭ ئىگىلىكىدە بولغاننىڭ سىرتىدا يەنە كوللېكتىپ ئىگىلىكىدە بولىدۇ' دەپ جاكارلىدى.
ئەمەلىيەتتە 82 - يىلىدىن باشلاپلا 'كوللېكتىپ' دېگەن ئۇقۇم يىمىرىپ تاشلانغان ۋە دېھقانلار يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان ئىدى. ھازىرمۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دېھقانلارنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىشتىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر دېھقانلار خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ 'ئوتوپىيە' سى، يەنى خىيالدىكى باياشات جەمئىيىتىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ.
ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى يەر مەسىلىسى 60 مىليون كوممۇنستنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشقا باغلىق مەسىلە بولۇپ قالدى
خىتاينىڭ تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا بولسا ھازىر 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى' دېگەن ھەرىكەتنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى تەشكىلاتنىڭ تەپتىش ھەيئىتى ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى يەر مەسىلىسى ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 60 مىليون ئەزاسىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشقا باغلىق مەسىلە بولۇپ قالدى.
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى دېگەن ھەرىكەتنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىشى پەقەت كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ يەرگە بولغان ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ.