خىتاينىڭ دۆلەت كابىنېتى بېيجىڭدا ھەشەمەتلىك دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 'خەلقئارا خەۋەر تورى'دا بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت كابىنېتى دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا مىڭ كىشىلىك ھەشەمەتلىك دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
خۇجىنتاۋ زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە خىتايدا پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلغانلىقىنى مەدھىيىلىدى ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىغا 59 يىل بولغان بۇ يىلنى ئىقتىساد تەرەققى قىلغان پەۋقۇلئاددە بىر يىل' دەپ تەسۋىرلىدى.
دۆلەت بايرىمىدا گۇاڭجۇ، خېنەن قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يۈز بەردى
رادىئو مۇخبىرى گاۋسەننڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى خېنەننىڭ جياۋزو رايونىدىكى سېمونت زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى سەنياڭ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشقا ئىشسىز قالغان ئىشچىلار، يەر - زېمىنى تارتىۋېلىنغان خەلقلەر كېلىپ قوشۇلدى. نامايىشچىلار بىلەن كوممۇنىست ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گۇئاڭجۇنىڭ خۇئادۇ رايونىدا يەر - زېمىنى تارتىۋېلىنغان كەنت خەلقى توپلىنىپ دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئارامگاھى ئالدىدا نامايىش قىلدى. كوممۇنىست ساقچىلىرى 4 سائەت ھەرىكەت قوللىنىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتتى. خۇبېي ئۆلكىسىدىكى قانۇنشۇناس ياۋ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇئاڭجۇنىڭ خۇئادۇ رايونىدىكى كەنت ئەزالىرىنىڭ يەر - زېمىنلىرى زېمىن ئىگىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان ئەھۋالدا تارتىۋېلىنغان، بۇ مەملىكەت بويىچە ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە مەسىلە شۇنداقلا، كەنت ئەزالىرىنىڭ يەرلىرىنى ھۆكۈمەت، سودىگەر، قارا جەمئىيەت كۈچلىرى بىرلىشىپ تارتىۋالغان مەسىلە. كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىرقى قانۇنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي ئىسلاھات كېرەك.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇقەددەس يەتتە توغرىسىدىكى يالغانچىلىغى پاش قىلىندى
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى يەنە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ھەشەمەتلىك زىياپەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزگەن زىياپەتلەردە، ئاساسەن خىتاينىڭ 'مۇقەددەس يەتتە' ناملىق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىپ، ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىدا ناھايىتى زور نەتىجە قازانغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
'يېڭى تاڭرېن تېلېۋىزىيىسى' بولسا، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 'مۇقەددەس يەتتە' نى ماختاش ئۈچۈن ھەتتا يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى پاش قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىشىچە، 'شىنخۇئا ئاگېنتلىقى'نىڭ 'مۇقەددەس يەتتە' ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇپ 30 قېتىم ئايلاندى' دەپ خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى يەنە بىر چوڭ يالغانچىلىق.
دۆلەت ئىچىدە خىتاينىڭ پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بولغان زەھەر يېمەكلەر ئۈستىدە شىكايەت ياغماقتا
'كۆزۈتۈش جۇرنىلى' دا خېدوڭ ئىسىملىك بىر ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بولغان زەھەر يېمەكلىكلەر ئۈستىدە شىكايەت قىلغان بىر ماقالىسى بېسىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 59 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان دۆلەت بايرىمى كېلىشتىن بۇرۇنلا، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى باشلىغان ئىدى. تېلېۋىزوردا كۆرىۋاتقىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئېچىلغان تەبرىكلەش يىغىنلىرى، رەھبەرلەرنىڭ تەبرىك سۆزلىرى، خوشاللىق ئىپادىلەيدىغان كۆرۈنۈشلەر، چېلىنغان چاۋاكلاردىنلا ئىبارەت.
خې دوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلارنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئوخشاش. ئۇنىڭدا ئاساسەن يەر تەۋرەش، كەلكۈن - تاشقىن ئاپەتلىرى يۈز بەرگەنلىكى، ھۆكۈمەت بۇنداق تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرغانلىقى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكى، 'مۇقەددەس يەتتە' ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغانلىقى، ۋاھاكازالار سۆزلىنىدۇ.
- - - بىز بۇ 59 يىلنى خىتايدىن بىر يىل بۇرۇن دۆلەت قۇرغان شىمالى كورىيىگە سېلىشتۇرغاندا، - - - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، - - - گەرچە ھازىر بىزنىڭ چىرايىمىز خۇددى شىمالى كورىيىلىكلەردەك تېخىچە 'كۆكتات چىراي' ئەمەس، ھەرھالدا بىزنىڭ يەيدىغىنىمىز بار بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ يەۋاتقىنىمىز ھۆكۈمەت زەھەر قاتقان يېمەك. ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكا بىلەن 'مۇقەددەس يەتتە' نىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى 30 مىليون يۈئەنلىك كىيىم كىيگۈزۈپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان بولسا، خەلىققىمۇ 'سەنلۇ' ماركىلىق زەھەر يېمەكلەرنى يېگۈزدى. شۇڭلاشقا خەلقنى 'ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان باتۇر خەلق' دەپ ماختايدۇ. ئەمدى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەلققە زەھەر بەرگەنلىكى ئۈچۈن خەلقتىن ئەپۇ سورىشى كېرەك.
ئۈرۈمچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى كوڭزىنىڭ 2558 يىللىقى خاتىرىلىدى
خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى ئۈرۈمچىدە ناھايىتى خوشال خوراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ھەر قايسى جايلاردا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان. 1978 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە بولغان تارىخ ئەسلەنگەن. خىتايدا ئىسلاھات باشلانغان 30 يىللىق نەتىجىلەر سۆزلەنگەن. ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ، چېن تەنقۇ قاتارلىق خىتاي ئىنقىلابى قۇربانلىرى خاتىرىلەنگەن. ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىدا خىتاينىڭ مۇتەپەككۇرى، مائارىپچىسى كوڭزىنىڭ 2558 يىللىقى خاتىرىلەنگەنلىكى بىر يېڭىلىق بولغان.
خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە تەسۋىرلىنىشىچە، 60 ياشلىق بىر ئۇيغۇر خوتەندىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ دۆلەت بايرىمىنى ناخشا ئۇسۇل بىلەن تەبرىكلىگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم باشلانغان كۈن' دەپ خىتاپ قىلدى
ئۆز مۇخبىرلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنلىرىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشلاردا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم باشلانغان كۈن' دەپ خىتاپ قىلدى. شۇنداقلا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە 'بىخەتەرلىكىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلاغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىشچىلار يەنە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا، دىنى ئېتىقات ئەركىنلىكىگە، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئەركىنلىكىگە ھۈرمەت قىلىشى لازىملىقىنى، ھەرخىل سىياسىي تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان سىياسىي مەھبۇسلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.