'خىتاينى دوست تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ۋاقىت كەلدى'

يېقىندىن بېرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەمكارلىقى ھەققىدە يېڭى ئۇقۇملار ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭدا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ گ - 2 دۆلىتىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقى ۋە دۇنيا مەسىلىلىرىنى بىرلىكتە ھەل قىلىدىغانلىقىدەك بىر ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل كۆز قاراشقا قېتىلمايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى ئوخشىمايدىغان قىممەتلەرگە ئىگە بولغان دۆلەتنىڭ بىرلىشەلمەيدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئورتاق ئىدىيىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى شۇڭا گ - 2 نىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان "دىپلوماتىيە" ژۇرنىلىدا دەل مۇشۇ تېمىدا بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تۆۋەندە "خىتاينى دوست تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ۋاقىت كەلدى" سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇمات بېرىمىز.

دىپلوماتىيە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە ئىلزابېت ئىكانومى ۋە ئەدىم سىگال قاتارلىقلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ماقالە مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 11 - مايدىكى بىر يىغىندا ئاخىرى "بۇ G - 2 ئەمەس" دېگەن بۇ سۆزنى قىلدى. بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىزگە دەپ كېلىنىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىشىپ دۇنيا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ، دەيدىغان خاتا كۆز قاراش ئۈچۈن بىر ئۆلۈم خەۋىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، G - 2 ئىدىيىسى ئەڭ دەسلەپ خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى فرەد بېرگستېن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ ئىدىيە كېيىن ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرگىچە كېڭەيگەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:

- - ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم 2009 - يىلى فېۋرالدا بېيجىڭدا زىيارەت ئېلىپ بارغاندا " ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن تەڭداشسىز پۇرسەتلەر مەۋجۇت" دېدى. ئەمما بۇ ئۈمىد ئۇزۇنغا بارمىدى. ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا پەرقلىق مەنپەئەت ۋە پەرقلىق قىممەتلەرنىڭ ۋاشىنگتون ۋە بېيجىڭنىڭ بىرلىكتە دۇنيا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا قىزىقماسلىقى ۋە كوپىنھاگېندىكى كىلىمات سۆھبىتىدە قارار ئېلىنىشىغا توسالغۇ بولۇشى، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق بىر ئىپادىسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىلگىرىكى گۇمانلىرىنى ۋە سەزگۈرلۈكىنى قوزغاپ قويدى.

ماقالىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە سۆھبىتى ھەققىدە توختالغان بۇ ئىككى تەتقىقاتچى بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتىمۇ ئىلگىرى يىللارغا ئوخشاشلا قولغا چىققۇدەك نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون ۋە مالىيە مىنىستىرى تىم گېيسنېر باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ چىشەن ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى دەي بىنگولار باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرىدىغانلىقى، ئەمما بۇ سۆھبەتتە مۇھىم خىزمەت پىلانلىرى ئۈستىدە بىر نەتىجە ھاسىل قىلىشنىڭ ئېھتىمالدىن ئۇزاقلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىغىننىڭ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سۆھبەت ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بېيجىڭ بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مۇھىم مەسىلىلەردىن 20 دىن ئارتۇق مەسىلىنى بەلگىلەپ چىققان، ئامېرىكا مالىيە مىنسىتىرلىقىمۇ ئۆز ئالدىغا بىر قاتار مۇھىم پىلانلارنى تۈزۈپ چىققان ئىكەن. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گەرچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى سۆھبەت نەتىجىلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، ۋاقتى ۋە تىرىشچانلىقلىرىنى سەرپ قىلىش ئۈچۈن باشقا بىر يول تېپىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە ئىلگىرىكى سۆھبەتلەردىمۇ قولغا چىققۇدەك نەتىجە چىقمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ ئىككى نەپەر تەتقىقاتچى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يىللىق سۆھبىتىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا - خىتاي يىللىق سۆھبىتىنى بەك چوڭ مەسىلە قىلىۋېلىش ھاجەتسىز دەپ قارايدۇ. ئۇلار مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

- - ئامېرىكا كىىسنگېر بىرلىكىنىڭ ئىدارە دىرېكتورى جوشا كۇپېر رېيمو ئامېرىكا - خىتاي يىللىق سۆھبىتىنى تارقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەر بىر مەسىلىنى ئايرىم - ئايرىم مۇزاكىرە قىلىدىغان، خالىغان ۋاقىتتا قۇرۇپ، خالىغان ۋاقىتتا تارقىتىۋەتكىلى بولىدىغان سۆھبەت تەرتىپلەش كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئەمەلىي نەتىجە ئالغىلى بولىدۇ ۋە ھەممە كىشى بۇ يىغىندىن نېمە نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بولالايدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ.

مۇلاھىزە ماقالىسىدە، ئەگەر ئامېرىكا - خىتاي يىللىق سۆھبىتىنى ساقلاپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىش كېرەكلىكى ئىپادە قىلىنغان بولۇپ، نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە قانچە جىق ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە سەرپ قىلسا شۇنچە پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن گ - 2 ھاسىل قىلىش ئۈچۈن جاپا تارتىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە: "بىز نەزىرىمىزنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئاغدۇرغان ۋاقتىمىزدىلا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالايمىز" دەپ ئەسكەرتىدۇ.

ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان "دىپلوماتىيە" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاينى دوست تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ۋاقىت كەلدى" ناملىق ماقالە ئامېرىكىدىكى س ۋ ستار گۇرۇھىنىڭ ئاكادېمىك ئەزاسى، ئاسىيا تەتقىقاتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى ئىلزابېت ئىكانومى ۋە ئايرا ئېي لىپمېن گۇرۇھىنىڭ ئاكادېمىك ئەزاسى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى تەتقىقاتچىسى ئەدىم سىگال تەرىپىدىن يېزىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.