0:00 / 0:00
زىيارەت داۋامىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆز قىلىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئاز ساندىكى بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەر پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىللالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنى نېمە مەقسەتتە ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا مۇھاكىمە قىلىنماقتا.
بىز بۈگۈن، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئوبۇلقاسىم تۈمەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.