گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 21-ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يېقىندا خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناشتا، خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ «ئالاھىدە رايون» غا ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۈمىدلىرى سۇغا چىلىشىپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلىشىشقا باشلىغانلىقى، خىتايدا ئەي ۋېيۋېيغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتچىلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى، خوڭكوڭدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ كۈنسېرى يوقىلىپ بېرىشى، مال باھالىرىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ئېشىپ بېرىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
«خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ ئالاھىدە رايون ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشتى» ناملىق بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىلىرىنى ئىسلاھ قىلىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سىياسەتلەرنى مۇخبىرلار قاتناشقان، خەلق نازارەت قىلالايدىغان ئاشكارا سورۇنلاردا ئېلان قىلمايدىكەن. ئىشىكنى مەھكەم يېپىۋېلىپ ئىچكى يىغىنلاردا «كامېراغا ئېلىشقا بولمايدۇ، خاتىرە قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، يېڭى سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ...» دېگەندەك شەرتلەر ئاستىدا مەخپىي ئېلان قىلىدىكەن. خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ رەئىسى خۇ يۈلىن بۇ توغرىسىدا گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىدە سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى ئېلان قىلغاندىمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرمايدىغانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئىلگىرى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلغان بولسا، ئەمدى پەردىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئاشكارا ئارىلىشىشقا باشلىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
راي سىناش نەتىجىسىدە، 45% ئادەم خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە رايون ئىكەنلىكىگە ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ 18 ياش بىلەن 30 ياش ئارىلىقىدىكى ياشلارنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ بارغان بولۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نىڭ بارغانسېرى يوقىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان توپىلاڭلار، ئىچكى موڭغۇلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى مۇقىمسىزلىقلار خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۈگىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرىدىن ئىبارەت.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، نەپرەتلىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۈمىدلىرىنىڭ ئاللىقاچان يوقالغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن-نىزاملارنى خالىغانچە ئاياق ئاستى قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 20-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان «خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلار ئېلىپ قاچقان مەبلەغ زادى قانچىلىك؟» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلار ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، بايلىقلىرىنى چەتئەللەرگە يۆتكەپ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلەشكە باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 90-يىللاردىن بۇيان چەتئەلگە قېچىپ چىققان پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سانى 16 مىڭدىن 18 مىڭ ئەتراپىغىچە بولۇپ، يۆتكەپ كەتكەن مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 800 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. خىتاي پروفېسسورى خۇ شىڭدۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرايلى، چىرىكلىك پارتىيە ئىستىلىغا خىلاپ، چىرىكلىك خەلقنىڭ دۈشمىنى دەپ جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، چېرىكلىكنى تىزگىنلەش، ئۆزگەرتىش ئەمەلگە ئاشمىغان. چىرىلىك خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىغا ۋابادەك تاراپ كەتكەن.