خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا سوغات تارقاتتى

12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئىككى دىپلومات قولىدا كۆپلىگەن سوغاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەركەز بىناسىغا كىرىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان.

0:00 / 0:00

بۇ ھەيئەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ سوغاتلارنى رەسىمگە تارتىۋالغان.

تۈركىيىدە ھەرقانداق سىياسىي پارتىيە رەھبىرىنىڭ ئۆيىگە ياكى ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز، خىتايلارنىڭ سوغىتىنى كۆرەلەيسىز. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سوغاتلار ئارقىلىق تۈركىيىدە يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىگە يېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇنداقتا، خىتايلار سوغات ئارقىلىق قايسى مەقسەتلىرىگە يەتتى؟ ئۇلارنىڭ ساقچى ئىدارىسىغا بۇ سوغاتلارنى بېرىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.