خىتاينىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى 34.65 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان غۇلجا شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاۋ باۋخۇانىڭ دۇ فامىلىلىك ئاشنىسىنىڭ 29-ئىيۇل كۈنى 21 مىليون يۈەنلىك پارىخورلۇق قىلمىشى سەۋەبلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
خىتاينىڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى جاۋ باۋخۇا دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلاردا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جاۋ باۋخۇادەك كىچىك ئەمەلدارلارنى جازالىغان بولسىمۇ، ئەمما پارىخورلۇق قىلمىشى جاۋ باۋخۇادىن نەچچە ھەسسە ئېغىر، خەلقنىڭ نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ۋاڭ لېچۈەندەك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالىماسلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارىخورلۇق ھەم چىرىكلىك قىلمىشىنى تۈگىتىش نىيىتىنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاينىڭ شىنلاڭ تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە يېزىلغان بىر ئىنكاستا مۇنداق بايانلار بار: «جاۋ باۋخۇا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى. جاۋ باۋخۇا ئىلگىرى ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، غۇلجا شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولغان مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى سەۋەبلىك خەلق ئارىسىدا تۆمۈر مۇشت دەپ نام ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىمۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە جاۋ باۋخۇا ۋە ئۇنىڭ ئاشنىسى قاتارلىقلار پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالاندى. ئەمما رايوندا خەلقنىڭ ئەڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋاڭ لېچۈەندەك ئەمەلدارلارنىڭ بىر تال قىلىغىمۇ زەرەر يەتمىدى. ۋاڭ لېچۈەن يەنىلا ئۆزىنىڭ سىياسىي بيۇرودىكى ۋەزىپىسىدە تۇرۇپتۇ. ھۆكۈمەت خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بېسىش ئۈچۈن تورغا چۈشۈپ قالغان بىر قىسىم كىچىك بېلىقلارنى جازالاش ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ.»
ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىممۇ جاۋ باۋخۇانىڭ ئىلگىرى ئىلى رايونىدا يۈرگۈزگەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلق نارازى بولغان بۇ خىل پارىخور ئەمەلدارلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىنكاسلارنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم سۆزىدە، جاۋ باۋخۇانىڭ جازالىنىشى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سېزىلىپ قالغان بىر قىسىم پارىخور ئەمەلدارلارنى قۇربانلىق قىلىپ، يەنە بىر قىسىم قىلمىشى تېخىمۇ ئېغىر بولغان، ئەمما ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا تۆھپىسى چوڭ بولغان ۋاڭ لېچۈەندەك خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئەمەلدارلارنى قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ خانىم بايانىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بايلىققا تولغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئەڭ تۆۋەن ھالەتتىكى نامراتلىق ھەم ھوقۇقسىزلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ بارلىق شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىغا يول ئېچىپ بېرىش يولى بىلەن، ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق كوممۇنىست ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغان خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.