خىتايدا كىم ھوقۇق تۇتسا، شۇ باي بولىدۇ

غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا بايلىقنىڭ ئەڭ چوڭ دەسمايىسى پۇل ئەمەس، بەلكى ھوقۇق، مەركەزدىن ئاساسىي قاتلامغىچە ھوقۇق تۇتقان ئادەملەر باشقىلاردىن كۆپ باي كېلىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.11.09
xu-jintaw-18-qurultay-305.jpg خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ خىتاي 18-قۇرۇلتىيىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 8-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

كومپارتىيىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى باشلانغان بۈگۈنكى كۈندە، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى، ھوقۇق تاپشۇرۇپ بېرىش ئالدىدىكى ھازىرقى ئەمەلدارلار ۋە بولغۇسى ئەمەلدارلار ئۈستىدە كۆپلەپ مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يالغۇز خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋلا ئەمەس، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا رەئىس بولماقچى بولغان شى جىنپىڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنىڭ ھەممىسىلا غايەت زور دەرىجىدىكى بايلىقنى مونوپول قىلىۋالغان زوراۋانلاردۇر. «خىتايدىكى ھوقۇقدارلار جەمەتى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى كونترول قىلىۋالدى» ناملىق بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان، تۇرۇۋاتقان ۋە تۇرغۇسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا جەددى-جەمەتى ئاللىبۇرۇن مىليونېرلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، مىلياردېرلارغا ئايلىنىپ بولغانلىقى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ غول بىر بۆلىكى ۋە خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ تىپتىكى سانائەت مۇئەسسەسىلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋېن جياباۋ جەمەتىنىڭ 20 مىليارد سومدىن ئارتۇق ئىقتىسادى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، خۇ جىنتاۋ جەمەتىنىڭ ۋە بولغۇسى رەئىس شى جىنپىڭ جەمەتىنىڭمۇ زور ئىقتىسادى مەبلەغنى ئىگىلىۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. گېرمانىيىنىڭ بون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر سىياسىيوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن 10-15 يىللار ئىلگىرى خىتايدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نۇرغۇنلىغان كان، كارخانىلار، زاۋۇتلار مەركەزدىكى ھوقۇقدارلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىغا ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىلگەن. بۇ ئورۇنلاردىن كىرگەن كېرىم بۈگۈنكى خىتاي ئومۇمى ئىقتىسادىنىڭ زور بىر بۆلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ پۇل ئىلگىرىكى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتىنى تېرىسىگە سىغمىغۇدەك دەرىجىدە بودىۋەتكەن.

خەۋەردە شۇنداق مىساللار ئېلىنغان: بېيجىڭنىڭ يېنىدىكى شىجياجۇاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى 1998-يىلىغىچە ھوقۇق تۇتقان خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پىڭنىڭ شەخسىي مۈلكى. ۋېن جياباۋنىڭ ئوغلى تۈرلۈك سودا ئىشلىرى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىپلا قالماي، يەنە ھەرخىل كان، كارخانىلارغا قوشۇمچە مەبلەغ سېلىپ قويغان. سابىق باش مىنىستىر جۇ رۇڭجىنىڭ ئوغلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ بانكىسىنىڭ باشلىقى. يەنى خىتاينىڭ دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ ئېقىۋاتقان سودا ساھەسى، كان، كارخانىلاردا مەبلىغى بار. ئۇلار سودا ئىشلىرىغا ھېچ ئارىلاشمىسىمۇ، پۇل دېگەن ھەر تەرەپتىن سۇدەك ئېقىپ كىرىدۇ. دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەسسىسى بولغان بۇ مۇئەسسەسىلەرگە ھېچكىم دەخلى-تەرۇز قىلالمايدۇ. دېمەككى، خىتايدا كىمدە ھوقۇق بولسا، شۇ باي بولىدۇ. خىتاي مىللىتىنىڭ ھوقۇق ئۈچۈن ھەممە رەزىللىككە باش ئۇرۇشى، پۇل ۋە بايلىق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىدۇر.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، خىتايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 130 چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باشلىقى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جەمەتىدىن تەيىنلەنگەن. خىتايدىكى مېتاللۇرگىيە، ئېنېرگىيە مەنبەسى، ئالاقە ساھەسى، ئېلېكتر ساھەسى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان دائىرىلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنىڭ قولىدا. خىتايدا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنىڭ دوستلىرىمۇ يەتكۈچە باي. نۇرغۇنلىغان پۇللۇق سودىلار شۇلارنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغان ۋاڭ لېچۇەن بولسا خۇ جىنتاۋنىڭ ئوغلىنىڭ ئاغىنىسى، ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بايلىقلىرىنى خالىغانچە بۇلاپ-تالىشىغا خۇ جىنتاۋ يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن.

راھىلە خانىم سۆزىدە، ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئالتۇن، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق بايلىق، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى يەرلىك خەلق ۋە بۇ مۈلۈكلەرنىڭ ھەتتا ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچ نېسىۋە قالدۇرماي خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە ساتقان پارىخور ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ پاختىلارنىڭ باھاسىنى ئۆزى بېكىتىپ، پاختىلارنى دېھقانلارنىڭ ئەركىن بازاردا سېتىشىغا يول قويماي، پەقەتلا ئۆزىنىڭ يۇرتى بولغان سەندۇڭدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە مەجبۇرىي ساتقۇزۇپ ئارىدىن پايدا ئالغان خىيانەتچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«خىتايدىكى ھوقۇقدارلار جەمەتى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى كونترول قىلىۋالدى» ناملىق بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي، سىياسىي تۈزۈلمىسى دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئۆزلىرىنى بوداش ھوقۇقىنى ئاتا قىلغان. خەۋەردە ۋىكىلىكىستە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارنى مىسال ئېلىپ شۇنداق يازىدۇ: لى پىڭ جەمەتى خىتايدىكى ئېلېكتر ساھەسىنى قامال قىلىۋالدى. خىتاي بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ كاتتىۋېشى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى جوۋ يۇڭكاڭ نېفىت، خىمىيە ساھەسىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى. ۋېن جياباۋ ئايالى ۋە جەمەتى گۆھەر، ياقۇت ساھەسىنىڭ تىجارىتىنى كونترول قىلىۋالدى. خىتايدا كىم ھوقۇق تۇتقان بولسا، شۇ ۋە ئۇنىڭ جەمەتى باي. خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا باي كىشى يوق. ئەگەر باي تېپىلسا، ئۇ چوقۇم خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ قۇيرۇقى بولۇپ چىقىدۇ.

بون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي سىياسىيون گۇ شۆۋۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي چوقۇم سىياسىي ئىسلاھات يولىغا مېڭىشى كېرەك. بۇ ئومۇمنىڭ ئورتاق قارىشى. ئەگەر خىتاي سىياسىي ئىسلاھات يولىغا ماڭالمايۋاتقان بولسا، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب بىرلا؛ سىياسىي ئىسلاھات خىتايدا ئىقتىسادنىڭ قايتىدىن تەقسىم قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىرقى ھوقۇقدارلار ۋە بايلىق ئىگىلىرى بولسا سىياسىي ئىسلاھاتقا تۈپتىن قارشى» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.