دۇنيانىڭ سىياسەت مەيدانى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان

ياپونىيە كوسايدو نەشرىياتى تەرىپىدىن كوللىكتىپ تۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئەمەلدارلار دەستۇرى» ناملىق كىتابتا خىتايدىكى يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان شى جىڭپىڭ باشلىق خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ تەرجىمىھالى، ئەمەلدارلىققا ئېرىشىشىدىكى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«خىتايدىكى ئەمەلدارلار دەستۇرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
«خىتايدىكى ئەمەلدارلار دەستۇرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Qutluq


ئۇندىن باشقا، تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بىرگە، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ خىتاي ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتى، خەلقئارادىكى تەسىرى كۈچى، كەلگۈسى ھەققىدىمۇ توختالغان.

كىتابتىكى «دۇنيانىڭ سىياسەت مەيدانى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «سىياسەتنىڭ پەيدا بولۇشى»، «مىللەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېزىلىشى» دېگەن تىمىلاردا تىبەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىي سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللەپ، تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋىي مەسىلىلەر قاتارىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقئارادىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا، ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئۆز قاراشلىرىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويدى.

ماقالىدە خۇ جىنتاۋ باشلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تىبەت بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان سىياسەتلىرى يەنى ئوققا تۇتۇش، ئۆلۈمگە ھۆكۈمگە قىلىش توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:

«خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 6 - ئەۋلاد دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تىبەت، ئۇيغۇردىن ئىبارەت مىللەتلەرنى ئۆلتۈرۈش، باستۇرۇش، يوقىتىشتىن ئىبارەت مول تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايون دېگەننى قانداق ئاياق ئاستا قىلىش ۋە ئۇنى قانداق باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزى بىۋاستە تۈزۈپ چىقتى. تىبەت، شەرقىي تۈركىستان دېگەن مۇستەملىكە دۆلەتلەرنىڭ نامىنى دۇنيا تارىخىدىن ئۆچۈرۈۋېتىپ، تىبەت، ئۇيغۇر مىللەتلىرىنى خىتاي مىللىتىگە قوشۇۋەتمەكچى بولدى.»

ماقالىدە تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلى گەرچە ئاپتونوم رايون دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەليەتتە بۇ يەرلەردە ئاپتونوم رايونغا خاس ھېچقانداق مىللىي سىياسەت ۋە قانۇننىڭ يوقلۇقىنى، پەقەتلا كۆچمەن خىتاي مىللىتى ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىت يارتىپ بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لاما دۇنيانىڭ كۆڭلىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى، تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە ئاپتور 2009 - يىللىدىكى«5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە، ئىتالىيىدىكى 8 چوڭ دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئالدىراپ - تىنەپ قايتىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى، بۇ ۋەقە خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى غايەت زور ۋەقە بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنى تەمتىرىتىپ قويغانلىقىنى، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەركەزدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە خۇ جىنتاۋ، شى جىڭپىڭنىڭ قاتتىق ئۇيغۇرلارنى قوللۇق بىلەن باستۇرغانلىقى ھەققىدە مۇنداق بايان قىلىنغان:

«خۇ جىنتاۋ، شى جىڭپىڭ باشلىق مەركىزى كومىتېتنىڭ ئەزالىرىغا، ئەگەر بۇ قېتىمقى ۋەقە ئۈچ كۈن ئىچىدە قاتتىق باستۇرۇلۇپ، تىنچلانمىسا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا قايتا قۇرۇپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ۋەقەگە ئارىلىشىپ ئىشنى چوڭايتىۋېتىش ئېھتىمالىقىنىڭ زورلۇقىنى، مۇمكىن قەدەر كېچىدە نامايىشچىلارنى پاك - پاكىزە يۇغۇشتۇرۇش،ئاساسلىقى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق زەربە بېرىشنى نىشان قىلىش، ھەر ئېھتىمالىققا قارشى، بىڭتۇەننى ھەربىي ھالەتتە تۇرۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن.»

ماقالىدە خۇ جىنتاۋنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىگە تىز پۈكمىگەن تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ خەلقئارادا كۈندىن - كۈنگە جانلىنىپ ياڭراۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولۇۋاتقان تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارغانچە دۇنيانىڭ كۆزى تىكىلگەن سىياسەت مەيدانىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقى خىتاينى چۆچۈتۈش بىلەن بىرگە، يېڭى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان.

ماقالىدە ئاپتور 2005 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان، ئىلگىرى خىتايدىكى مىليونىر، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمېننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ جاسارىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاش خەلقئارا سەھنىدە پاراللېل ھالدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە بەزى بىر پەرقلىرى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ماقالىنىڭ ئاخىرى مۇنداق ئاخىرلاشقان، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ئۆزگىرىپ، خىتايدا يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلدى. ئەمدى خىتاي يېڭى ھاكىمىيىتى دۇنيانىڭ سىياسەت مەيدانىغا ئايلىنىۋاتقان تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تىنچ سۆھبەت يولىنى تاللاشقا مەجبۇرلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر تىنچ سۆھبەت يولىنى تۇتمىسا، خىتاي دۆلىتى تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ساقلاپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە باشقا ئاپتونوم رايونلاردىنمۇ ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت