خىتايلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش تارىخىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

تەيۋەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى چېڭ گۇاڭشېڭ ئەپەندىنىڭ «خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ خېلى قىممىتى بار.

0:00 / 0:00

ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشلىرىنى ئامېرىكىدا تاماملاپ ئىجتىمائىي پەن ساھەسى بويىچە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلارنى يازغان، تەيۋەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى چېڭ گۇاڭشېڭ ئەپەندىنىڭ «خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغان ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن «خوڭكوڭ، ھازىر پەخىرلىنىپ يۈرۈۋاتقان سەۋىيىگە 100 يىل مۇستەملىكە بولۇش ئارقىلىق ئېرىشەلىدى، ئۇنداقتا جۇڭگو 300 يىل مۇستەملىكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى شۇنىڭدەك بىر خىتاي زىيالىيسىنىڭ بۇ خىل ئۆتكۈر سىياسىي مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي مىللىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ ماقالىنى خەلقئارا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە قىزىقىدىغان، بولۇپمۇ ئۆزى ياشاۋاتقان سىياسىي ھەمدە ئىجتىمائىي مۇھىتنى چۈشىنىشكە قىزىقىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئەركىن ئەپەندى مەزكۇر ماقالە ھەققىدە توختىلىپ، ماقالىنى باشقا بىر مىللەتتىن كېلىپ چىققان زىيالىي يازغان بولسا، مەن ئۇنىڭغا ھازىرقىدەك قىزىقمىغان ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرمىغان بولاتتىم، بۇ ماقالىنى بىر خىتاي زىيالىي ئۆز-ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق خىتايلاردا ساقلىنىۋاتقان بىر يامان ئىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان دۇنيا ۋەزىيىتىگە ياخشىراق ماسلىشىشىغا تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە يازغانلىقى ئۈچۈن، «بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ خېلى قىممىتى بار بىر ماقالە ئىكەن دەپ تونۇپ يەتتىم» دېگەن.

بىز ئەركىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن خىتايلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى توغرىسىدىكى بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى سورىدۇق.

ئەركىن ئەپەندى چېڭ ئەپەندىنىڭ، خېرىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقەتەن خوڭكوڭدا بىر ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئاممىۋى تالاش-تارتىشنى باشلاپ بەرگەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى مەسىلىگە ئايلانمىغان تەقدىردىمۇ، رايونلۇق مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا چېڭ ئەپەندىنىڭ ئاشكارا ھالدا خىتاي زىيالىيلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان مەسىلىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ دېگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چېڭ ئەپەندى ماقالىسىدە، خىتايدا ياشايدىغان ئەڭ چوڭ ئېتنىك گۇرۇھ خىتاي مىللىتى دەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ماقالىدە يەنە «خىتايلار ۋە باشقىلار لوگىكىسى، ئىنسان ۋە چالا ئىنسان لوگىكىسى، ئىنسانلارنى ئىنسانلىق دەرىجىسىگە ئايرىش لوگىكىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى، تارىخى ئىدىيىلەردىن كېلىپ چىققان ھازىرقى ئەھۋاللار» دېگەن تېمىلار بويىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خۇلاسە سۈپىتىدە خىتاي مىللىتىنىڭ «بىز ھەممىمىز باراۋەر، ئەمما سەن تولۇق ئىنسان ئەمەس» دېگەن فورمۇلىغا ئاساسلانغان كۆڭۈل قۇرۇلمىسى، پسىخولوگىيىلىك قۇرۇلما ۋە ئىدېئولوگىيىلىك ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاشكارا سۆزلەنمەيدىغان سىياسىي ئاڭسىزلىق بولۇپ، بۇ خىل خاھىشىنىڭ ئۆز پېتىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى يورۇتقان.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى، چېن ئەپەندى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇنلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئىچى ‏- سىرتىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەدەنىيەت ۋە بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، شۇڭا يۈكسەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.