خىتايدا 'ئەرزان ئەمگەك كۈچى' دەۋرى ئاخىرلاشتى

خىتايدىكى ئىشلەمچىلەر ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلەردىن مەنپەئەت ئېلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، فوكىسكان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى ئۆستى. ھازىر خىتايدا ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان ئىشچىلار ھەرىكىتى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ، خىتايدا 'ئەرزان ئەمگەك كۈچى' دەۋرى ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ، شىركەتلەرنىمۇ ۋە خەلقنىمۇ جىددىي ئويغا سېلىۋاتقان مەسىلە.

خىتايدا ئايلاردىن بۇيان ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. خۇددى خىتايدا چىقىدىغان 'شىنجىڭباۋ' گېزىتىدە بايان قىلىنغاندەك، چەتئەل مەبلىغى بىلەن يۈرۈشىدىغان چوڭ شىركەتلەردىن، شېنجېندىكى 'فوكىسكان' شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى، ئىش ھەققى ئۆلچىمىگە نارازى بولۇپ قوزغىغان ھەرىكەتلەر تەرەققى قىلىپ، 5‏ - ئاينىڭ 26‏ - كۈنى كەچتە 12 - قېتىم بىنادىن سەكرەش ۋەقەسى يۈز بەردى.

شۇنىڭدىن كېيىن، شېنجېندا 430 مىڭ ئادەم، بىنادىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلى بىلەن ئىپادىلەنگەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىگە بولغان نارازىلىقنى قوللاپ نامايىش قىلدى. فوكىسكان شىركىتى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى 2 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىشكە قوشۇلدى.

ئىش ھەققى ئۆلچىمىگە نارازىلىق ئىپادىلەيدىغان ئىشچىلار ھەرىكىتى باشقا جايلارغا كېڭەيدى

دېمەك، ئىشچىلار ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلەردىن مەنپەئەت ئالدى. بۇ غەلىبىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ئىش ھەققى ئۆلچىمىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىشچىلار ھەرىكىتى خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىغا كېڭىيىشكە باشلىدى.

فوكىسكان شىركىتىدە يۈز بەرگەن ئىشچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىن، 'خوندا' ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا ئىشچىلار ھەرىكىتى پارتلىدى. بۇ شىركەتنىڭ گۇاڭدۇڭ فوسەندىكى شۆبە زاۋۇتىدا بىر نەچچە كۈن ئىش توختاپ قالدى. بەزى شۆبە زاۋۇتلار تاقىلىپ قالدى.

خۇددى خىتايدا چىقىدىغان 'شىنجۇ تور گېزىتى' دە بايان قىلىنغىنىدەك، ئىشچىلار ھەرىكىتى چەتئەل شىركەتلىرىدىن خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرگە كېڭەيدى. خېنەننىڭ پىڭدىڭسەن شەھىرىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا 5‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى باشلانغان ئايال ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى، پېنسىيە، داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشچىلار ھەرىكىتى ھازىرغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.

فوكىسكان ئىشچىلىرى بىنادىن سەكرەش ۋەقەسىنى، خۇددى گېرمانىيە ئاۋازى بايان قىلغاندەك، دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، شىركەتلەرمۇ، ئىشچىلارنىڭ خىزمەت مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ياكى بۆلمەسلىك مەسىلىسى دەپ قاراپ بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان ئىدى، ئەمما ئىشچىلار مەسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئارقىلىق تەكرار - تەكرار ئىپادىلىگەندىن كېيىن، زاۋۇت ئىشچىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىكى مۇۋاپىق سەۋەبلەرنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسىدىن كېيىن خىتايدا 'ئەرزان ئەمگەك كۈچى' دەۋرى ئاخىرلاشتى

خۇددى نيۇيورك تايمىس گېزىتى بايان قىلغاندەك، خىتايدا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسى بىلەن 'ئەرزان ئەمگەك كۈچى' دەۋرى ئاخىرلاشقان بىر يېڭى دەۋر باشلاندى. ئەمدى بۇ دەۋردە، تېخىمۇ مۇرەككەپ يېڭى مەسىلىلەر كېلىپ چىقماقتا.

خۇددى 'ئامېرىكا ئاۋازى' بايان قىلغاندەك، زاۋۇتلاردا ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرقىگە، بازارلاردا مال باھاسىغا، يىغىپ ئېيتقاندا، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەممە قاتلاملارغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.

ئىشلەمچىلەر ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن مەنپەئەت ئېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتايدا 'ئەرزان ئەمگەك كۈچى' دەۋرى ئاخىرلىشىشقا ۋە 'ئەرزان ئەمگەك كۈچى' گە تايىنىپ پايدا قازىنىۋاتقان شىركەتلەر گۇمرانلىققا يۈزلەندى. ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان ئىشچىلار ھەرىكىتى ھازىر خىتايدا كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 'ئەرزان مال' بىلەن خەلقئارا بازارلاردا رىقابەتكە قاتنىشالىغان خىتاي شىركەتلىرى تەڭلىكتە قالدى.

ئىشچىلار ھەرىكىتى ھازىر ھۆكۈمەتنىمۇ، شىركەتلەرنىمۇ، بايلارنىمۇ، خەلقنىمۇ جىددىي ئويغا سالماقتا

ئايلاردىن بۇيان خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشچىلار ھەرىكىتى، بۇ ھەرىكەتلەر پەيدا قىلغان ۋە پەيدا بولغۇسى داۋالغۇش، يەنى مۇقىمسىزلىق ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ، شىركەتلەرنىمۇ، خىتايدىكى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ 41% نى ئىگىلىۋالغان ئاران 1% ئىمتىياز ئىگىلىرىنىمۇ، ھەر قانداق ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش ئۆزلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقنىمۇ جىددىي ئويغا سېلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.