ئامېرىكا 2012 - يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينى كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. ئامېرىكىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالى ۋە ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيىسى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.

0:00 / 0:00


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان2012 - يىللىق ئادەم بېدىكچىلىكى دوكلاتىدا خىتاي ئەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى نىشان قىلغان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جىنسىي بېدىكچىلىكى قىلمىشىنىڭ مەنبەسى، ئۆتكۈنچى ۋە ئاخىرقى بېكىتى، دەپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭ بۇ يىل يەنە 2 - دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇدا 8 يىل مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىدۇر.

دوكلاتتا، 2011 - يىلى بېرما، ۋيېتنام، لائوس، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، شىمالى كورىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر ۋە بىر قىسىم ئافرىقا، ياۋروپا ئەللىرىدىن نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ خىتايغا ئېلىپ بېرىلىپ، جىنسىي تىجارەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى، لېكىن خىتاي ئەر، ئايال ۋە بالىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە پاھىشىلىككە سېلىنغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلار بولسىمۇ، بىراق بۇ جەھەتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىزچىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىدۇر. دوكلاتتا كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنىڭ خۇمدان، زاۋۇت ۋە كۆمۈر كانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئورۇنلاردا يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنلار ئىكەنلىكى، يەنە بىر قىسىم ئورۇنلار ئەمگەك بازىرىدىكى بوشلۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بۇ خىل قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، 2011 - يىلى پۈتكۈل خىتايدا چوڭلار ۋە بالىلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سەپەرۋەر قىلىنغان بولۇپ، شۇ يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بالىلار «ئۆگىنىش - ئەمگەك پروگراممىسى» غا قاتنىشىش نامىدا مەجبۇرىي ئېتىز - ئېرىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا سېلىنغان. دوكلاتتا، شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ بالىلارنى «ئۆگىنىش - ئەمگەك پروگراممىسى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە پاختا ئۈزۈش ۋە باشقا تەشكىللىك ئەمگەككە سالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم، چارشەنبە كۈنى چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ: قىسقىسى، مەزكۇر دوكلات بىزگە ئادەم بېدىكچىلىكىنىڭ ئىنسانىي بەدىلىنى سەمىمىزگە سالدى. ئادەم بېدىكلىرى ياخشىراق بىر تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈمىد - ئارزۇسىنى قىلغۇچىلارنىڭ كۈشەندىسى. بىزنىڭ نىشانىمىز مەيلى بۇ ئۈمىد - ئارزۇنىڭ ياخشى خىزمەت تېپىپ، يۇرتىدىكى ئائىلىسىنى بېقىش، ئۆزى ياكى پەرزەنتلىرىنى تەلىم تەربىيىگە ئىگە قىلىش ۋە ياكى ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە پۇرسەت ئىزدەش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمىد - ئارزۇلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بولۇشى كېرەك. بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بارلىق كىشىلەرنىڭ كەچمىشىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز زۆرۈر، دېگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى» ھەققىدە توختالغان بولۇپ، «دۆلەت مەجبۇرىي يولغا قويىدىغان بۇ خىل ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمى باستۇرۇشنىڭ بىر خىل سىستېماتىك ئۇسۇلى» دەپ كۆرسىتىلگەن. «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى» نىڭ ھۆكۈمەتكە پايدا يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدىكى مەھبۇس ۋە تۇتقۇنلارغا ھېچقانداق ئىش ھەققى بېرىلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەمۇرى بۇيرۇق بىلەن سولانغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

دوكلاتتا، بەزى بالىلارنىڭ پاھىشىلىككە مەجبۇرلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ يەنە دىۋانىچىلىك، ئوغرىلىق، خۇمداندا ئىشلەش قاتارلىق ھەر خىل ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بارلىقى، بەزى بالىلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يولغا قويغان «ئەمگەك - ئۆگىنىش پروگراممىسى» غا قاتناشتۇرۇلۇپ، زاۋۇت، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا مەجبۇرىي سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش ھەققىدىكى ئەقەللىي خەلقئارا ئۆلچەمگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان. ئۇنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ئىلگىرىلەپ قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت بىلەن تەمىنلەپ باقمىغانلىقى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ بۇ يىل يەنە، 2 - دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى ئاياللار ۋە بالىلارغا قارىتىلغان جىنسى بېدىكچىلىككە دائىر بەزى سانلىق ستاتىستىكىلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سانلىق ستاتىستىكىلاردا ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق باشقا جىنايى قىلمىشلار ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئادەم بېدىكچىلىكى قىلمىشى ھەققىدە سانلىق ستاتىستىكا ئېلان قىلىپ باقمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئالداپ بېقىۋېلىش قاتارلىق غەيرىي ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىنى ئادەم بېدىكچىلىكى قىلمىشى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.

چارشەنبە كۈنى چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مارىيا ئوتېرو سۆز قىلىپ: ئادەم بېدىكچىلىكى پەيدا قىلغان رىقابەت بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا بۇنىڭغا بىز ئەڭ نېگىزلىك قىممەت قارىشىمىز بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم. بۇ ئاساسى ئەركىنلىك ۋە ئىنساننىڭ قەدىر - قىممەت مەسىلىسى. ئادەم بېدىكچىلىكى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ نېگىزلىك قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇ ئائىلىلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ، جەمئىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ يەنە كىشىلەرنى ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا تولۇق ئىشتىراك قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئەدلىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا، ھۆكۈمەتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشىغا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا قارشى قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەبتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەزى تەكلىپلەرنى بېرىپ، ب د ت 2000 - يىلى ماقۇللىغان ئادەم بېدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئەھدىنامىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن چىقىرىشنى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جىنسىي بېدىكچىلىكى قىلمىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش، جازالاشنى توختىتىش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى تاقاش، ئادەم بېدىكلىك قىلمىشى بىلەن قانۇنسىز بالا بېقىۋېلىش، گۆرۈگە ئېلىش ۋە ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش، بېدىكچىلىكى قىلمىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.