ھەمدە، خىتاي پائالىيەتچىلىرى بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى خىتاي ئىچىدىكى تور بەتلىرىدە 1- ماي كۈنىدىن باشلاپ فرانسىيىنىڭ خىتايدىكى تاللا بازىرى تورى كاررېفورنى بايقۇت قىلىش مۇراجىتى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن 1- ماي خىتاينىڭ بېيجىڭ، شىئەن، شېنياڭ ۋە فۇجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىگە جايلاشقان كەررېفور تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدىلا ئاز ساندا خىتاي پۇقرالىرى كاررېفورنى بايقۇت قىلىش شۇئارلىرىنى توۋلاپ نامايىش ئېلىپ باردى.
بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدىن باشلانغان چەتئەل سەپىرى جەريانىدا مەيلى قايسىلا شەھەرگە بارمىسۇن، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى تۇرغۇچى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
ئەركىن ئەكرەم : "خىتاي فرانسىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ فرانسىيىنىڭ باش ئېگىشىنى ئىستەۋاتدۇ"
ئەمما، يېقىندىن بۇيان خىتايدا پەقەت فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش كەيپىياتلىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، فرانسىيىنىڭ 1975 - يىلىدىن باشلاپ خەلقئارادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى بارا-بارا يوقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما فرانسىيىنىڭ خىتايدا كۆپ مىقداردا دۆلەت مەنپەئەتى بارلىقىنى، شۇنداق شارائىتتا خىتاينىڭ فرانسىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ فرانسىيىنىڭ باش ئېگىشىنى ئىستەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى .
ئەركىن ئەكرەم :" فرانسىيە ئەزەلدىن كۈچلۈك دۆلەتلەرگە دىپلوماتىيە رىقابىتى ئېلان قىلىشقا مايىل"
دەرۋەقە خىتايلار ئىنتېرنېت ۋە باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ فرانسىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىش تۈپەيلى فرانسىيىنىڭ خىتايدا كېڭىيىۋاتقان تاللا بازىرى كاررېفورنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي مەجرۇھ خىتاي تەنھەرىكەتچى جىڭ جىڭنى فرانسىيىگە تەكلىپ قىلغان ھەمدە فرانسىيە پارلامېنتى رەئىسى كرىستيان پولسەلى جىڭ جىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان ئىدى.
ئەمما، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەستىن يەنى، 21 - ئاپرېل، پارىژ شەھەرلىك كومىتېتى بىلەت تاشلاپ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى پارىژ شەھىرىنىڭ پەخرىي پۇقراسى دېگەن شەرىپىنى بەرگەن بولۇپ، پارىژنىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، فرانسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مەدەنىيىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، فرانسىيە ئەزەلدىن كۈچلۈك دۆلەتلەرگە دىپلوماتىيە رىقابىتى ئېلان قىلىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي نامايىشچى: "بىز چەتئەللىكلەرگە خىتاينىڭ قانچىلىك دەرغەزەپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ قويماقچىمىز"
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ خەيديەن رايونىغا جايلاشقان كاررېفورنىڭ ئالدىدا مەلۇم ساندا خىتاي نامايىشچىلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ھەمدە "كاررېفورغا قارشى تۇرايلى" دېگەندەك شۇلارنى توۋلىشىپ نامايىش قىلىشقان بولۇپ، ئەمما مەزكۇر نامايىش خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ھەمدە خىتاي ساقچىلىرى 9 نەپەر نامايىشچىنى تۇتۇپ نەق مەيداندىن ئېلىپ كەتكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ساقچىلار ئېلىپ ماڭغان بىر خىتاي نامايىشچى: " بىز چەتئەللىكلەرگە خىتاينىڭ قانچىلىك دەرغەزەپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ قويماقچىمىز. بىز خىتايدا پۇقرالىرىمىزنىڭ ئىتتىپاق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمىز" دېگەن.
ئىلشات ئەپەندى: "خىتاي ھەر قانداق شەكىلدىكى نامايىشلارنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ"
خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىغا قارشى خىتاي پۇقرالىرى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى "ۋەتەنپەرۋەرلىك" دەپ مەدھىيىلىگەن ھەمدە مەدەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئىچىدە ھەر قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرىنى توسۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارماقتا.
بۇ ھەقتە توختالغان سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى خىتاينىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى بولۇپمۇ "4- ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ھەر قانداق شەكىلدىكى نامايىشلارنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلار نامايىش ئېلىپ بېرىپ بايقۇت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان فرانسىيە ئىگىدارچىلىقىنى تاللا بازىرى كاررېفورنىڭ 1- مايدىكى بايراملىق سودىسى يەنىلا ياخشى بولغان بولۇپ، قارىماققا نامايىشچىلار يەنىلا فرانسىيە دۇكانلىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغاندەك قىلاتتى.