8 - نۆۋەتلىك گېرمانىيە - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى باشلاندى

1999 - يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان گېرمانىيە - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ 8 - نۆۋەتلىكى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بېرلىندا باشلاندى. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسى بولغان.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.07.29

بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي تەرەپتىن تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋەكىلىدىن سىرت، دىنىي ئىشلار تارماقلىرى، ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى خادىملىرى ھەم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 28 - ئىيۇلدىكى " ئۆلۈم جازاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى گېرمانىيە - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئاساسى تېمىسى" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە فېدىرال ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ماركۇس ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە قارىتا يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەندىن باشقا، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

ماركۇس ئەپەندى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ خىتايغا نىسپەتەن ئۇزۇن مۇددەتلىك غايە ئىكەنلىكىنى، ھېچ بولمىسا ھازىر، قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە 70 ياشتىن ھالقىغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى چەكلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا ماركۇس ئەپەندى مۇنداق دېگەن: " گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار. ئەمما، بىز شۇنى ئېنىق تەكىتلەيمىزكى، زوراۋانسىز سىياسىي ھەرىكەتلەر باستۇرۇشقا ئۇچرىماسلىقى لازىم. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. بىز بۇ خىل قىلمىشلارغا قوشۇلمايمىز".

خەۋەردە 2008 - يىلى تىبەتتە، 2009 - يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن ئىككى كۈن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل خانىم ئۈرۈمچىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىققا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى دىئالوگقا قارىتا، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ، ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئارمانىغا يەتكۈزىدىغان ئاساسى ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى مۇخبىرى ماتىياس بۆلىڭېرمۇ ئوخشاش كۆز قاراشنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي - گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل دىئالوگنىڭ ھازىرغا قەدەر كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىسى بولمىغان. بۇندىن كېيىنمۇ بولۇشى ناتايىن ئىكەن. ئىلگىرى گېرمانىيە تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان گۈنتېر نوكە ئەپەندى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە باش مىنىستىرغا خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىكەن. بىراق ھازىر بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، خىتاي بىلەن 8 - نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا قاتناشقان ماركۇس ئەپەندى بولسا، ئۇنىڭغا قارىغاندا كۆپ يۇمشاق بولۇپ، خىتايغا دوستانە مۇئامىلىدە بولغان. مۇخبىر ياتىياس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىجابىي بىر ئۆزگىرىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى كۈتكىلى بولمايدىكەن.

گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىن باشقا، قەرەللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇن دىئالوگىمۇ بار. قانۇن دىئالوگىنىڭ مەقسىتى، خىتايدا قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ يوللىرى، سوتنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ۋەزىپىسى، پۇقرالارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. ئەمما قانۇن دىئالوگى يولغا قويۇلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، خىتايدا قانۇننىڭ توغرا ئىجرا قىلىنىشى ھېچقاچان كاپالەتكە ئىگە بولمىغان. گېرمانىيە سىياسىيۇنلىرى، بۇ جەھەتتە خىتايدىن كۆپ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ ماقالىلەر ئېلان قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.