خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چوڭ شىركەتلەرنى سېتىۋېلىشقا جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇنۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟

خىتاي ھۆكۈمىتى پۇتۇن كۈچى بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرنى سېتىۋېلىش ئۇچۇن غەرب دولەتلىرىدىن يىغىۋالغان دوللار بىلەن «يۇقىرى باھا» تاكتىكىسىنى كوتۇرۇپ چىقىپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋە ھۆكۈمەت قانۇنچىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن كۈچلۈك لوبىيچىلارنى ئىشقا سالماقتا.

0:00 / 0:00


كانادا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سىياسى قانۇن پروفېسسورى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق ئەلچىسى در. چارلىز بۇرتون ئاۋغۇستنىڭ 22 - كۈنى تورونتو يۇلتۇزى گېزىتىنىڭ باش بېتىدە، «CNOOK نىڭ NEXEN نى سېتىۋېلىشى خىتاينىڭ دۇنيا شاھمات تاختىسىدا ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ كانادالىقلارنى ۋە قانۇن تۇزگۇچىلەرنى بۇ مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇشقا چاقىرغان.

مەزكۈر مەسىلىگە قىززىققان كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بۇ ھەقتە چارلىز بۇرتون بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ،

رۇقىيە خانىمنىڭ بۇ ھەقتە رادىئومىزغا يەتكۈزگەن مەلۇماتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىتىدۇ.

مۇشۇ ئاينىڭ 23 - كۇنى رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كونسۇلى ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى قانۇنچىلارغا توختىماي لوبىيچىلىق قىلىپ، خىتاي شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتە چوڭ رول ئوينايدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئامېرىكا قانۇنچىلىرىنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ ئەمدىلىكتە كانادادا لوبىيچىلىق قىلماقتا.

خىتاي ئېنېرگىيە شىركىتى CNOOK 2005 - يىلى ئامېرىكا ئېنېرگىيە شىركىتى UNOCALنى 18.5 مىليارد دوللارغا سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى بىلەن بۇ چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدى. يېقىندا يەنە كانادانىڭ كالگارىدىكى نېفىت شىركىتى NEXENنى سېتىۋېلىش ئۇچۇن يۇقىرى باھاغا ۋەدە قىلىپلا قالماي، كانادادىكى HILLۋە Knowlton لوبىي شىركىتىنى ئىشقا سالماقچى بولغان. بۇ لوبىيچىلىق شىركىتىنىڭ رەئىسى Michael Coates نىڭ1983 - يىلى لوبىيچى بولۇشتىن ئىلگىرى دۆلەت مىنىستىرلىقىدا ئىشلىگەن بولۇپ، باش مىنىستىر ستېۋىن ھارپەر سايلام كامپانىيىسىنىڭ بېشى بولۇپمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

NEXEN كانادادا 10 - ئورۇننى ئىگىلەيدىغان نېفىت شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ھەسسە يۇقىرى باھا سۇنۇشى ۋە كۈچلۈك لوبىيچىلارنى ئىشقا سېلىشى نەتىجىسىدە، NEXENنىڭ سېتىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن كانادالىقلار، بۇ سودىغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتتى. كانادالىقلارنىڭ بۈگۈن پىكىر قاينىمىغا تاشلىغان بىلەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھايىتى كۆپ سانلىق كانادالىق بۇ سودىنىڭ بولۇشىغا يەنى NEXENنىڭ كوممۇنىست خىتاي پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان CNOOK قا سېتىلىشىغا قارشى چىققان.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ماقالىلەر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان كانادادىكى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ ئىستانسىمىزغا مەلۇمات بېرىشىچە :

22 - ئاۋغۇست تورونتو يۇلتۇزى گېزىتىنىڭ باش بېتىدە، كانادا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سىياسى قانۇن پروفېسسورى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق ئەلچىسى در. چارلىز بۇرتون «CNOOK نىڭ NEXENنى سېتىۋېلىشى خىتاينىڭ دۇنيا شاھمات تاختىسىدا ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالە كانادالىقلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن. در. بۇرتون ماقالىسىدە،«NEXEN شىركىتىنىڭ نېفىتى پەقەت شىمالىي تۇرۇبا يولى بولغاندىلا ئاندىن ئالبېرتا ئۆلكىسىدىن برىتىش كولۇمبىيە ئۆلكىسىگە ۋە ئۇ يەردىن دېڭىز ئارقىلىق خىتايغا ئاقىدىغان يوللارغا ئۇلىنالايدۇ. ئەمما ئۇ يول يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نېفتلىكنى قېزىشقا ھەددىدىن زىيادە كۆپ چىقىم كېتىدۇ، شۇنداقكەن، خىتاي نېمە ئۇچۇن بۇ چىقىملارنى ئويلاشماي NEXENنى سېتىۋېلىشقا بۇنچە كۈچەيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت كاناداغا سىياسى تەسىرىنى كىرگۈزۈش» دەپ كۆرسەتكەن.

در. بۇرتون - 23 ئاۋغۇست رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ بۇ ھەقتە تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بورتون سۆھبەتتە رۇقىيە خانىمنىڭ تۆۋەندىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن:

- در. بۇرتون، سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن كانادالىق مارك بوئۇررىئە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزىنى ئىشپىيونلۇققا سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، شىنخۇاغا ئىشلەشتىن ۋاز كەچتى. سىزنىڭچە، كانادادىكى لوبىي شىركىتىنى ئىشقا ئالماقچى بولغان CNOOKبىلەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەقسەتلىرىدە قانداق ئوخشاشلىق بار؟

- ھەر ئىككىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئىككىسىنىڭ مەقسىتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە خىزمەت قىلىپ خىتاينىڭ كۈچىنى دۇنياغا زورايتىش.

- سىز بۈگۈن تورونتو يۇلتۇزى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىڭىزدە، خىتاينىڭNEXENنى سېتىۋېلىشى كانادانىڭ سىياسى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ دېدىڭىز، سىزچە ھارپەر ھۆكۈمىتى بۇ تەھدىتنى ھېس قىلغاندىمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، كانادالىقلار قانداق قىلىپ بۇ سودىنى توسۇپ قېلىشى كېرەك؟

- مېنىڭچە، كانادا ھۆكۈمىتى كانادالىقلارنىڭ پىكىر قاينىمىدىكى كۆپ سانلىق قارشى تۇرۇش ئاۋازىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي تېخى بىزگە بۇ سودا توغرىسىدىكى ساپ پايدا ھېساباتىنى كۆرسەتمىدى، شۇڭا مەنچە بۇ سودىنىڭ بولۇشى ناتايىن.

- سىزنىڭچە بۇ سودىنىڭ بولۇشى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

- ئەلۋەتتە مەسىلە مۇشۇ يەردە، ئەگەر خىتايNEXEN نى سېتىۋالسا، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا بېسىم قىلىدىغان غەربنى قىلچە كۆزىگە ئىلمايدۇ - دە، خىتايدىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرگە بولغان زۇلۇمىنى خالىغانچە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دەل شۇنىڭ ئۇچۇن مەن تورونتو يۇلتۇزى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ كانادالىقلارنى ۋە قانۇن تۇزگۇچىلەرنى بۇ مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇشقا چاقىردىم.