خىتاي شىركەتلىرى غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىكى سۇلارنى ئۆز رايونلىرىغا باشلىماقتا

بۇلتۇردىن باشلاپ خىتاي شىركەتلىرى غۇلجا ناھىيە تەۋەسىگە يەرلىشىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ناھىيىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىنى مەخسۇس ئۆستەڭ چېپىپ، خىتاي شىركەتلىرى غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىن سېتىۋالغان كان رايونلىرى ھەم يېڭىدىن بىنا قىلىنىۋاتقان باغۋەنچىلىك رايونلىرىغا باشلىغان. جىرغىلاڭ ھەم دامبۇنى ئاساس قىلغان سۇ مەنبەلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئىگىلىگەن رايونلارغا باشلىنىشى ھەم خىتاي شىركەتلىرى رايوندا قۇرغان باغۋەنچىلىك مەيدانلىرىغا قارىتا دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى قانداق؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.07.20

غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتى خەۋەرلىرى ھەم دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن غۇلجا تەۋەسىگە يەرلىشىشكە باشلىغان خىتاي شىركەتلىرى، نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيىسى ھەم غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان جىرغىلاڭ، دامبۇ قاتارلىق ئېقىن مەنبەلىرىنى، ناھىيە تەۋەسىدە يېڭىدىن بەرپا قىلىنىۋاتقان "ئايلانما ئىقتىسادىي سانائەت رايونى" دەپ ئاتالغان خىتاي شىركەتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى رايونلارغا باشلىغان.

غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدىكى خەۋەرلەردە، خىتاي شىركەتلىرى مەبلەغ سېلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سۇ قۇرۇلۇشلىرى،" غۇلجىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداش ئۆلكىلەردىكى شىركەتلەر، غۇلجا ناھىيىسى ھەم غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ، تېرىلغۇ يەرلىرىگە ياخشى سۇغۇرۇش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلىپ، قاقاسلىقلارنى كۆكەرتىش ئۈچۈن يېڭىدىن ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ " دەپ ئىزاھلانغان. ئەمما رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي شىركەتلىرى رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى ئىنكاسى باشقىچە بولماقتا.

غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شىركەتلىرى غۇلجا ناھىيىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان جىرغىلاڭ ئېقىنىنىڭ سۈيىنى نوغايتۇ يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدىكى ئىلگىرى دېھقانلار بۇغداي تېرىيدىغان، لېكىن ھازىر دېھقانلارنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن بىنەم يەرلەرگە باشلىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر غۇلجا ناھىيىسىدىكى تاغ باغرىغا تارقالغان دېھقانلارنىڭ بىنەم يەرلىرى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرى بۇ يەرلەردە 10 مىڭ مولۇق زور كۆلەملىك ئۈزۈمزارلىق، ئالمىزارلىق قاتارلىق باغۋەنچىلىك مەيدانلىرىنى بەرپا قىلماقتا ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن، جىرغىلاڭ ھەم دامبۇ ئېقىنلىرىنىڭ، ئۆستەڭ ئارقىلىق بىنەم يەرلەرگە باشلىنىشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن بۇ يەرلەردە يېڭىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئۈزۈمزارلىقلار ھەم ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتلىرىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ كىشى بىزگە، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغۇرۇشتا ئاساسلىق ئېقىن مەنبەلىرى بولغان جىرغىلاڭ ھەم دامبۇنىڭ سۇلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى باغۋەنچىلىك مەيدانلىرىغا باشلىنىشى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر غۇلجا تەۋەسىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ قالسا، بۇ يەرلەردە سۇ قىسلىقى يۈز بېرىپ، يەرلىك دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېقىندىن بۇيان، غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋەرلىرىدە، "غۇلجا ناھىيىسى يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتمەكتە" دېگەندەك خەۋەرلەر كۆپىيىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىگە يەرلىشىشى ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپەيگەن. ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ غۇلجا تەۋەسىگە يەرلىشىشىگە نىسبەتەن قارىشى باشقىچە بولۇپ. بۇ شىركەتلەرنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە يەرلىشىشى يەرلىك خەلقنى ئەندىشىگە سالغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشى بىزگە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەم يەرلىك خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان قارشى پىكرىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا " شىنجاڭغا ياردەم" نامى ئاستىدا، رايوندىكى بايلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىشىش ۋەزىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدىكى ئومۇمى ئەھۋالغا ئايلانماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.