گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي مەغلۇپ بولدى، ئەمدى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىن قولىنى تارتامدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ھازىر 'ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس' دەپ پۈتۈنلەي ئاقلىنىپ بولدى. ئەمدى خىتاي بۇلارنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىن قولىنى تارتىشى مۇمكىنمۇ؟

0:00 / 0:00

2001 ‏- يىلىدىن تارتىپ ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ھازىر 'ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس' دەپ تەلتۆكۈس ئاقلىنىپ بولدى. گەرچە ھازىر ئۇلاردىن يەنە 5 كىشى تېخىچە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىپ بولمىغان بولسىمۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى خەلقئارادا 'تېررورچى، بۆلگۈنچى، دىنىي ئېكىستېرمىچى' دەپ ئەيىبلەپ، قارىلاپ كېلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاي، بۇ بىر چوڭ مەسىلىدە مەغلۇپ بولدى. ئەمدى خىتاي بۇلارنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىن قولىنى تارتامدۇ؟ بۇ ھەقتە ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئەگەر خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا گۈەنتانامودا ئاقلىنىپ بولغان ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەشتىن قولىنى تارتمىسا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە گۈەنتانامودا ئاقلىنىپ بولغان ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قانداق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە ئىلشات ھەسەن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچى، بۆلگۈنچى، دىنىي ئېكىستېرمىچى' دەپ ئەيىبلەپ، قارىلاپ بىر مۇنچە خىتاي پۇقرالىرىنى ۋە مىللىي كادىرلارنى بەك قايمۇقتۇرۇۋەتتى، مەسىلەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قايمۇققان نۇر بەكرى بولۇشى مۇمكىن، ئەمدى بۇلارنىڭ چىقىش يولى نېمە؟ ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتىمۇ كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.