خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى فرانكفورت مەجمۇئە گېزىتىگە "خىتاي كوممۇنىستلىرىدىكى مۇستەبىتلىك ئامىللىرى ۋە جەمئىيەت سىياسىتى" ناملىق ئۇزۇن بىر ماقالە بېسىلغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر خەۋپلەر تىلغا ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.09.08
Obama-we-Xu-jintaw-xitayda-doletlik-ziyapette-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 17‏ - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە فرانكفورت مەجمۇئە گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ماقالىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ تەۋرەپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پاراۋان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ۋاقتى قىستاپ كەلمەكتە، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قانۇنىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان باسقۇچقا ئېلىپ كىرمەكتە" دەپ يازغان.
 
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، غەرب ئەللىرىدە بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقاتلىقىنى تىلغا ئالدى.
 
ماقالىدە شۇنداق دېيىلگەن: "ئەگەر دۇنيادىكى بۇ ئىككىنچى چوڭ دۆلەتنىڭ مىللىي دارامىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىسە، كەسپىي خىزمەت ئورۇنلىرى شاڭخەينىڭ كۆككە تاقاشقان ئىگىز بىنالىرىغا ئوخشاش تىز سۈرئەتتە كۆپەيمىسە، ئەگەر ئىسمى - جىسمىغا لايىق ھەقىقى داۋالاش تۈزۈلمىسى ئورنىتىلمىسا، نوپۇستا قېرىلىق نىسبىتى ئېشىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەت ئەھلى قېرىلىق كۈتۈنۈش ھەققىگە ئېرىشەلمىسە، ئىش ئورنىغا ئىگە بولغان خىزمەتچىلەر ئاشۇنداق قۇللارچە مۇئامىلىگە ئۇچراۋەرسە، ئۇنداقتا ھۆكۈمرانلارنىڭ تەختى كۇمپەيكۇم بولۇپ كېتىدۇ، مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىردىن ‏- بىر ھۆكۈمران بولۇشتەك قانۇنىي ئورنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، كۆپ قىسىم جۇڭگولۇقلارنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا ياخشى ياشىشىغا يول قويۇڭلار."
 
كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى خىتايدىكى ھەرساھە تەرەققىياتنىڭ ئوخشاشلا خەلقنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىقلىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
 
ئۇشبۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق بايانلار ئورۇن ئالغان: "خىتاينىڭ تارىخىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. ئاقىۋىتى ئىنقىلابتىن ئىبارەت. پارتىيە بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ. رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ پاراۋان دۆلەت قۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى سەۋەبمۇ مۇشۇ. مۇھىم بولغىنى 2 - دەرىجىلىك جۇڭگولۇقلار، يەنى ئاشۇ تەرەققىيات ئىچىدە ئارقىدا قېلىۋاتقان يېزا ئاھالىسى ياخشى كۈنگە ئېرىشىشى لازىم. خىتايدا دېموكراتىيە مۇلاھىزىسى يوق. بېيجىڭدىكى مەشھۇر چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سىياسىيۇنلارنىڭ مۇنازىرە قىلىۋاتقىنى سىياسىي تۈزۈلمە ئەمەس. شۇنداقلا مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنىڭ ھوقۇق ئورنىمۇ ئەمەس. چۈنكى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىجازىتى بويىچە چۈشەنگەندە، ھۆكۈمەت بولسا سالاھىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان ئىلاھىي كۈچ. خەلقنىڭ مۇنازىرە قىلىۋاتقىنى دۆلەت باشقۇرۇش سەنئىتى، بەلكى قانداق قىلغاندا كۆپچىلىك ياخشىراق كۈن ئۆتكۈزەر دېگەندىن ئىبارەت."
 
ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى خىتايدىكى بۇ تەرەققىياتنىڭ مىللىي زۇلۇملارنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
 
فرانكفورت مەجمۇئە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە، ھوقۇقدارلارنىڭ غايەت زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىنىڭ "چىرىك داۋالاش تۈزۈلمىسى" ناملىق ماۋزۇ ئاستىدىكى بايانلاردا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: "2000 يىل ئىلگىرى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان بىر دۆلەتنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان تەرىپى شۇكى، داۋالاش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلىغى ئومۇمىي ئىقتىسادىي دارامەتنىڭ 4.5% ئىنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ تۆتتىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. كېسەلگە بېرىدىغان دورا كۆپ، دورا پۇلى قىممەت، ياتاقتا ياتقۇزۇش ۋاقتى ئۇزۇن، كېسەللەر دوختۇرخانىلارنىڭ پۇل باسىدىغان ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قالغان."
 
ماقالىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ يەكۈنلىرىگە بىنائەن، خىتايدا ئۈمىدسىزلەنگەن پۇقرالارنىڭ دوختۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يىلىغا قانچە مىڭ قېتىمدىن ئاشىدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ ئۆز سالامەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ياكى تىلەمچىلىك قىلىشتىن باشقىغا قادىر ئەمەسلىكى ئەينەن بايان قىلىنغان.
 
"خىتاي كوممۇنىستلىرىدىكى مۇستەبىتلىك ئامىللىرى ۋە جەمئىيەت سىياسىتى" ناملىق بۇ ماقالىنىڭ "قېرىلىشىۋاتقان نوپۇس قەرەللىك پارتلايدىغان بومبا" دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى بايانلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەممىدىنمۇ مۇھىم بولغان قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ قېرىلىق ئىستراخوۋانىيە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خىتايدا يالغۇز پەرزەنتلىك كىشىلەرنىڭ، بالىلىرى ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت يېتىمسىراپ ياشايدىغانلىقى، كۈتۈنۈش ھەقلىرىدىن تامامەن مەھرۇم بولغان بۇ قېرىلىق ھاياتنىڭ ئېغىر زۇلۇم ئىكەنلىكى، ئۇلارنى گويا قەرەللىك پارتلايدىغان بىر بومبىغا ئوخشىتىش مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2030 - يىلىغا بارغاندا، خىتاي نوپۇسىنىڭ 1/3نىڭ پېنسىيە يېشىغا يېتىدىغانلىقى، ئۇلار ئۈچۈن ھىچقانداق بىر قېرىلىق كۈتۈنۈش ھەققى يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن.
 
ماقالىدە ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى يەكۈنلىرىدىن مىسال ئېلىپ، بارلىق ھەل قىلىش چارىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىممىسىدا ئىكەنلىكى، پېنسىيە پۇلى تۈزۈلمىسى راسخوتىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ماقالىدە شۇنداق دېيىلگەن: "ئىجتىمائىي ئىنقىلاب خىتايدا مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ بولدى. پارتىيە شۇنى بىلىدۇ، ئەگەر ھېچقانداق بىر تەدبىر قوللانمىسا، ئۇنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.