خىتاي خاككېرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى دېموكراتىك خىتاي تور بەتلىرىگە قاراتقان ھۇجۇمى كۈچەيمەكتە

يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى دېموكراتىك خىتاي تور بەتلىرى، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، چەتئەللەردىكى خىتاي تور بەتلىرى ئىچىدە خەۋەرلىرىنىڭ تېزلىكى ھەم ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن تونۇلغان بوشۈن تور بېتى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدىلا ئارقا - ئارقىدىن خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

0:00 / 0:00

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بوشۈن تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ليۇ لۇ ئەپەندى بوشۈن تور بېتىنىڭ نامەلۇم خاككېرلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بوشۈن تور بېتى، دېموكراتىك ئىدىيىنى ئۆزىگە ئاساسىي مىزان قىلغان، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى ئەسەرلەرنى، ئەگەر بۇ ئەسەر مەلۇم بىر كىشىگە تۆھمەت قىلمىغان، شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلمىغان بولسىلا ئېلان قىلىدىغان ئەركىن مۇنبەر، تور بېتىمىز خەۋەرلىرىنىڭ تېزلىكى، چىنلىقى، ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ كەڭلىكى بىلەن، چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرى ئىچىدە بىر قەدەر چوڭ بولغان تور بېتى. خىتايدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقەلەرگە نىسپەتەن مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بولسۇن ياكى ئوخشىمىغان قاراشتىكى شەخسلەرنىڭ ھەم تەشكىلاتلارنىڭ قاراشلىرى بولسۇن ھەممىسى بېسىلىدۇ. تور بېتىمىزدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئانچە قارشى ئالمايدىغان، ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرگە دائىر خەۋەر - ماقالىلەرمۇ بېسىلىدۇ. بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، تور بېتىمىز دائىم بىر قىسىم ئۆزىنى " ۋەتەنپەرۋەر لەر" دەپ ئاتىۋالغان خاككېرلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز ھازىرچە تور بېتىمىزگە ھۇجۇم قىلغان بۇ خاككېرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھۇجۇم قىلغان دىيەلمىسەكمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا سىڭدۈرگەن "ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" نىڭ تەسىرى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ."

ليۇ لۇ ئەپەندى، بوشۈن تور بېتىنىڭ، چەتئەللەردىكى خىتاي تور بەتلىرى ئىچىدە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا بىر قەدەر كۆپ ئۇچراۋاتقان تور بېتى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: " تور بېتىمىز، چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرى ئىچىدە، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا بىر قەدەر كۆپ ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم خاككېرلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ ھەتتا بەزىدە، بىر نەچچە كۈنگىچە تاقىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولدى."

ليۇ لۇ ئەپەندى "بوشۈن تور بېتى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرۇش سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مەيدانىنى ۋە قارىشىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟" دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: " خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك بىز ئەسلىدىكى مەيدانىمىز ۋە قارىشىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز. چۈنكى بىز ھەقىقىي چىن خەۋەرلەرنى بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بىزگە قىلىنغان ھۇجۇم ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم. بىزنىڭ مىزانىمىز ۋە ئۆلچىمىمىز خەۋەرنىڭ چىنلىقى، تېزلىكى ھەم بىتەرەپلىكىگە ئەمەل قىلىش، شۇڭا بىزنىڭ مەيدانىمىز ئۆزگەرمەيدۇ."

ليۇ لۇ ئەپەندى بوشۈن تور بېتىدە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى قارشى ئالمايدىغان ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى: " ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە. بوشۈن ئەركىن پىكىر مۇنبىرى، بۇ ئەسەرلەردە باشقىلارغا تۆھمەت قىلىش ياكى ناھەق قارىلاپ، ھۇجۇم قىلىش بولمىسىلا، بىز بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاپ بېرىمىز. بىز ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قارىشى ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنى ھەم ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان قاراشتىكى ئەسەرلەرنىمۇ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمىز. مەسىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى ئېلشات ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى ئەنە شۇنداق ئەسەرلەر تەركىپىگە كىرىدۇ. ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە دائىر خەۋەر - ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلان قىلىمىز، چۈنكى بۇ بىر ئەركىن مۇنبەر. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بوشۈننىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، بىز پەقەت ئوخشىمىغان كۆز قاراش، پىكىرلەر ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاپ بەردۇق خالاس."

بوشۈن تور بېتىدە خىتاي تىلىدا ئۆز ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان ئېلشات ئەپەندى، بوشۈن تور بېتىنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبول قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خىتاي خاككېرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى پەقەت خىتاي تور بەتلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەم شەخسلەرنىڭ تور بەتلىرى، ھەتتا چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىمۇ، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىنى باشقۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان ئۆمەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي خەلقئارادا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2009 - يىللىق باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدىكى رەت تەرتىپى 168 - ئورۇندا بولۇپ، ئارقىدىن سانىغاندا 8 - ئورۇندا تۇرغان، بۇ يىل بۇلتۇرقىدىن يەنە بىر دەرىجە ئارقىغا سۈرۈلگەن.