" ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بېيجىڭ ھاۋا قاتنىشىنى 4 سائەت توختاشقا مەجبۇرلىدى"

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمى مەزگىلىدە بېيجىڭ ھاۋا قاتنىشىنى 4 سائەت توختىش قارارى ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، خىتاي ئاۋىئاتسىيە دائىرىلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى ئايرودروم ۋە ھاۋا يولى شىركەتلىرىگە ئولىمپىك مۇراسىم مەزگىلىدە بېيجىڭغا كېلىدىغان ۋە بېيجىڭدىن ئۇچىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى تامامەن توختىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بۇيىچە، بېيجىڭ ھاۋا قاتنىشى، 8 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 7 :59 دىن كېچە سائەت 12 گە قەدەر 4 سائەت توختايدۇ.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھاۋا قاتنىشىنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشىنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان، پەقەت ئايرودروم ۋە ھاۋا يولى شىركەتلىرىگە ئۇقتۇرۇش

XitayAryupilani-200.jpg

چۈشۈرگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خوڭكوڭدىكى Cathay Pacific ھاۋا يولى شىركىتىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىگەن. شىركەت باياناتچىسى Carolyn Leung خانىم، بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ 8 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى كەچتە تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ يەنە شۇ كۈنى كەچ سائەت 9:45 دە بېيجىڭغا قونىدىغان بىر ئايروپىلاننىڭ، بېيجىڭغا قونۇش ۋاقتىنى ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 1گە ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىق خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەندىمۇ ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشكەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ھاۋا قاتنىشىنى توختىتىش قارارىنى شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىن كېلىدىغان تەھدىتتىن قورقۇپ ئالغانلىقىنى يازىدۇ ۋە خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە ئۆتكەن ھەپتە، بېيجىڭ ئولىمپىكى تارىختا كۆرۈلمىگەن بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلدى دەپ خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى ۋە ج خ نازارىتى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېقىنقى بىر باياناتتا، تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ئاساسلىقى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىدىن كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ باياناتلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە، خىتايدا بارلىق مىللەتلەرنىڭ تېنچ - باراۋەر ياشاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئالدىنقى باياناتلىرى بىلەن زىتلىق شەكىللەندۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بۇ يىل بېيجىڭدا ئىككى يىغىن مەزگىلىدە سۆز قىلىپ، " دۆلىتىمىز كۈچلۈك، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئاجىز، ئۇلار ئىش تەۋرىتەلمەيدۇ" دەپ بايانات بەرگەن ئىدى. بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت سۈپىتىدە شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنى كۆرسىتىشى، ۋە بىخەتەرلىكنى كۆزلەپ ھاۋا قاتنىشىنى توختىتىش قارارى ئېلىشى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىغا زىت كەلمەكتە.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن كانادا ياشاۋاتقان گۈلشەن ئابدۇقادىر ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ئەپەندىلەر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ئولىمپىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت باياناتلىرىدا ئاشكارا ھالدا ئاساسلىق تەھدىتنىڭ شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كەلدى. مېنىڭچە، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ يەنى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئولىمپىكقا ھۇجۇم قىلىش پىلانى بار - يوقلۇقى، بۇنداق قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقى ئايرىم مەسىلە. بۇ يەردە ئاشكارىلانغان مەسىلە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تامامەن ئىشەنمەسلىكىدۇر. دېمەك خىتاي شۇنچە كۆپ كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، شۇنچە كۆپ كىشىلەرنى تۈرمىگە قاماپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان تەقىپ ئاستىغا ئېلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالمىغان. دېمەك مەن شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى، ئۇيغۇر مىللىتى خىتاينى ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدە ھاۋا قاتناشنى 4 سائەت توختىتىشقا مەجبۇرلىدى دەپ قارايمەن. دېمەك ۋاڭ لېچۈەننىڭ دېگىنى خاتا، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئاجىز ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقى چارىسىز ئەمەس."