خېنرى كىسىنگىرنىڭ «خىتاي ھەققىدە» دېگەن يېڭى كىتابى توغرىسىدا ئىنكاسلار

خىتاينىڭ خەلق گېزىتى كىسىنگىرنى، خىتاي خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى دېسە، نيۇ-يورك تايمىس گېزىتى ئۇنىڭ بايانلىرىنى، خىتايپەرەس نەزەرىيە دەپ ئاتىدى.

0:00 / 0:00

خېنرى كىسىنگىرنىڭ «خىتاي ھەققىدە» دېگەن يېڭى كىتابى يېقىندا تور بازارلىرىغا قويۇلدى. ئامازون تور بازىرىدا، كىسىنگىرنىڭ رەڭلىك كۆز ئەينەك تاقىغان رەسىمى بىلەن بىرگە، بېيجىڭ ۋە موسكۋا ھەققىدىكى ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىكلەر ئاشكارا قىلىنغان كىتاب دەپ ئېلان چاپلاندى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، خىتاينىڭ خەلق تورى، خىتاي ئاۋازى رادىئوسى، سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، خىتاي خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ قالغان يىگىرمە يىللىق دۆلەت مۇناسىۋىتىنى 1970‏- يىللاردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور خىزمەت كۆرسەتكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى خېنرى كىسىنگىرنىڭ «خىتاي ھەققىدە» ناملىق يېڭى كىتابى نەشر قىلىندى، دەپ مەدھىيىلەشكە باشلىغان ئىدى.

بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى خېنرى كىسىنگىرنىڭ، خىتايدا قىرىق يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى تەسۋىرلەپلا قالماي، بەلكى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆرسەتكەن «خىتاي ھەققىدە» دېگەن 600 بەتلىك يېڭى كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىسىنگىر ھەققىدە يازغان ئوبزورلىرىنىمۇ ئېلان قىلدى.

بۇ ماقالىدە كىسىنگىر، خىتاينىڭ بېكىنمە ھالەتتىكى دۆلەتلىك ئورنى ئۆزگىرىپ، ئىشىكنى ئېچىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان ۋە ھازىرقىدەك دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ كۈچلۈك دۆلەت بولالىشىدا چوڭ رول ئوينىغان، خىتاينى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدىغان، خىتاينىڭ ماۋدىن خۇ غىچە بولغان 4 ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان، ھەتتا ماۋ، جۇ، دېڭ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ باغرى قاتتىق شەخسلەر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مىجەزلىرىنىمۇ ئاشكارىلىغان شەخس دەپ تەسۋىرلىگەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خېنرى كىسىنگىر كىتابىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرغاندا، 1970‏- يىللاردىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون خىتاينى زىيارەت قىلغان ھامان، خىتاي ناھايىتى تېزلا ئامېرىكا بىلەن بىر يولدا ماڭىدىغان بولدى؛ ئەمما بۇ، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۇنيانىڭ يەنە بىر قېتىم ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ ئەمدى ئامېرىكا بىلەن خىتاي چوقۇم بىرلىكتە تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئەگەر ئامېرىكا ھازىر ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالالمىسا، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ، دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن يۈز يىل بۇرۇنمۇ، گېرمانىيە باش كۆتۈرۈپ چىققاندا، ئەنگلىيە بىلەن چوڭ ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى، دەپ تەھلىل قىلغان.

خېنرى كىسىنگىر، خىتايدا قىرىق يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن تەرەققىيات ۋە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلغان «خىتاي ھەققىدە» ناملىق يېڭى كىتابىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، گەرچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەدەنىيەت ئىختىلاپى بولسىمۇ، ئەمما ھەمكارلىشىش، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن، ئوكيانلاردىن ھالقىغان ئورتاق گەۋدە بەرپا قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.

نيۇ-يورك تايمىس گېزىتى بۈگۈن « كىسىنگىرنىڭ كىتابى خىتايپەرەسلىك» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلدى. ئاپتور مىچىكو كاكۇتانى كىسىنگىرنى، ھەتتا خىتايدا ئەڭ ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلغان چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن ھەرىكەتلەرگىمۇ تامامەن كۆز يۇمغان شەخس، دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور بۇ ماقالىدە يەنە، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون خىتاي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنى، خىتاينى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن رەھبەر دەپ ماختىغاندا، ماۋ زېدۇڭ ئۇنى رەت قىلىپ، مەن خىتاينى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكىنىم يوق، پەقەت بېيجىڭنىڭ ئەتراپىدىكى ئاز ساندىكى جايلارنىلا ئۆزگەرتەلىدىم، دېگەن ئىدى، دېيىش ئارقىلىق كىسىنگىرنىڭ خىتايپەرەسلىكىنى تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدىمۇ خېنرى كىسىنگىرنىڭ خىتايپەرەسلىكى تەنقىد قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 1989‏- يىلى دېموكراتىك ھەرىكەت قوزغالغاندا، كىسىنگىر ئۇنى پەقەت خىتايدىكى ئىككى مىڭ يىللىق قەدىمى مەدەنىيەت بىلەن ئىككى يۈز يىللىق ئامېرىكا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش دەپ تەسۋىرلىگەن؛ خىتاي ئەينى ۋاقىتتىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتايغا جازا قوللانماقچى بولغاندا، كىسىنگىر يەنە، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينى جازالاش ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمىقانىلىك، بىز ئامېرىكىلىقلار ھەمىشە ئىشنى تېز قىلىشقا ئالدىرايمىز، ئەمما خىتاي ئالدىدىكى مىڭ يىلنى كۆزلەپ ئىش قىلىدۇ، دەپ نارازىلىق ئىپادىلىگەن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى مۇنازىرە بېتىدە، ئوقۇرمەنلەر يازغان يىگىرمىدىن ئارتۇق ئوبزور بار. ئۇنىڭ بىرىدە، كىسىنگىر ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقا خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلىۋاتقان كىشى ۋە دېموكراتىيىنىڭ دۈشمىنى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن قىرىق يىل بۇرۇن كىسىنگىرنىڭ تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى، نەتىجىدە، ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنى خىتايغا يۆتكەپ باردى، ئامېرىكىلىقلار ئۆزى ئىشسىز قالدى. تېخنىكىسىز خىتاي تېخنىكىلىق خىتايغا ئايلاندى، نامرات خىتاي باي خىتايغا ئايلاندى. ئامېرىكا قەرزگە بوغۇلدى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچى ئېشىپ كۈچلىنىپ چىشىدىن تىرنىقىغىچە قوراللاندى، ئامېرىكا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئاجىزلاشقا باشلىدى. مانا بۇ، كىسسنگىرنىڭ ھىيلىسى دېيىلگەن.