خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتى ئامېرىكىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولماقتا

ئا ق ش خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىنىدىغانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پات - پاتلا مەلۇم قىلماقتا. خىتاينىڭ ھەربىي پروگراممىسى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاجرىتىلىۋاتقان مەبلەغنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقچى بولۇۋاتقان پەنتاگان خىتاينى ئۆز قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئەھۋالىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بۆلۈنۈۋاتقان مەبلەغ كۆلىمىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

0:00 / 0:00

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پەنتاگان ئۆزىنىڭ ھەر يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ يېقىندا پاراخوتلارغا قارشى باللىستىكىلىق راكېتىلارنى ھەم باشقىمۇ زامانىۋى قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەم مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئا ق ش نىڭ بۇ خەۋەرلىرىنى يوققا چىقىرىپ، پەنتاگاننىڭ مۇنداق دوكلاتلار ئېلان قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

شۇنىڭغا قارىماي، دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتى، بىخەتەرلىك پروگراممىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋاملاشماقتا. قازاقىستاندا نەشر قىلىنىدىغان "بىزنىڭ ئالەم" گېزىتىدە كۆزەتكۈچى د. ماۋلونىينىڭ "خىتاي ئۆز ئارمىيىسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى كېڭەيتمەكتە" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور ئۇنىڭدا خىتاينىڭ كېلەچەكتىكى ھەربىي پىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنىڭدا خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى، مۇشۇ يىلنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا قازاقىستانغا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنىڭ كېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەركىبىدە ھەربىي مەشىقلەرگە قاتنىشىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن قانداق مەنپەئەت كۆزلەۋاتقانلىقى ئامېرىكىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، رۇسىيە ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتىدىغان تېررورغا قارشى ھەربىي مەشىقلەر ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنى نامايىش قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ماقالىدە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئا ق ش بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى توختاتقانلىقى، بۇنىڭ بولسا ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن كۈچۈيىۋاتقانلىقى ھەم بۇنىڭ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا، ھەربىي مۇداپىئەسىنى تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيىسىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى، دېڭىز ئۇچقۇچىلىرىنى تەييارلاشنى قولغا ئالغان. تۈرلۈك زامانىۋى قوراللارنى، ھەربىي تېخنىكىنى سېتىۋېلىشتا خىتاي رۇسىيە، ئوكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيە دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق ئالاقىلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ بولسا ئا ق ش تەرىپىدىن قارشىلىققا ئۇچرىماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي خەلق ئارمىيىسىگە ئاجرىتىلغان مەبلەغ 2009 - يىلى 70 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان. ئا ق ش بولسا بۇ مەقسەتكە 515 مىليارد دوللار ئاجراتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى، شۇنداقلا خىتاي ھەربىي خىراجىتى كۆلىمىنىڭ ئادەتتە ئىككى ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى، 70 مىلياردنىڭ ئىچىگە باشقا ئەللەردىن سېتىپ ئېلىنىۋاتقان قوراللارنىڭ، يادرو ۋە ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنىڭ ھەم مۇداپىئە سانائىتى خىراجەتلىرىنىڭ كىرمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ستوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە، خىتاينىڭ مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىلىۋاتقان ھەقىقىي چىقىملار ئۇنىڭ رەسمىي ھەربىي مەبلەغ كۆلىمىدىن تۆرت ھەسسە ئوشۇقتۇر. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 300 مىڭ ئەسكەرنى، شۇ جۈملىدىن 1 مىليون 600 مىڭ قۇرۇقلۇق كۈچلىرىنى، 400 مىڭ ھەربىي - ھاۋا كۈچلىرىنى، 255 مىڭ دېڭىز ئارمىيىسى كۈچلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭغا شۇنداقلا 10 مىليون خەلىق ئەسكەرلىرى ۋە باشقىلار كىرىدۇ. ھەربىي خەۋپ تۇغۇلغان تەقدىردە خىتاينىڭ 350 مىليونغا يېقىن قوراللىق ئادەمنى تەشكىللىيەلەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.