خىتاي ھەربىي ساھەسىدە زور تەڭشەش ئېلىپ باردى

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلار خەۋەرلىرى ھەم خوڭكوڭدا چىقىدىغان نۇر گېزىتى، قۇياش گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، 2009 - يىلى چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىدا، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قوماندانلىرى ئىچىدە، بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە ئاساسەن 50 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش ھەربىي قوماندانلار مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇلغان. قۇياش گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە، بۇلتۇرقى تىبەت ۋەقەسى ھەم بۇ يىلقى"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن غەربىي - شىمالدىكى لەنجۇ، چېڭدۇ، شىنجاڭ ھەربىي رايونلىرىدىكى گېنېرال مايورلار ھەم خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 1 - ئەۋلاد باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.

بۇ يىل 7 - ئايدا "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ، دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جاڭ خەيياڭ، ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللارى قىسىملىرى 2 - زەمبىرەكچىلەر قوشۇنىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى تىئەن شىئۇسى چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى توڭ شىپىڭ مەركىزى سىياسىي قوماندانلىق شتابىغا يۆتكىلىپ، ئەسلىدىكى 1 - مۇئاۋىن باشلىق لىئۇ يوڭجىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. ئۇندىن باشقا خوڭكوڭغا قوشنا بولغان گۇئاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدىمۇ چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىلگىرىكى لەنجۇ ھەربىي رايوننىڭ مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ قوماندانى شۈ فېنلىن گۇئاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن؛ ھازىرقى 42 - قىسىمنىڭ قوماندانى يوۋ خەيتاۋ گۇئاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.

نۇر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان ھەربىي قوماندانلارنىڭ كۆپىنچىسى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن گېنېراللار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى ھەم باراۋەرلىك تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى، "قانۇنسىز توپىلاڭ" ھەم "بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى" دەپ باستۇرۇشتا غەربىي شىمال قىسىملىرىدىكى ھەربىي قوماندانلار رول ئوينىغان. مەسىلەن، گۇئاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن شۈ فېنلىن، چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن تىئەن شىئۇسى، بېيجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى فاڭ فېڭخۇي، قوراللىق ساقچى قوشۇنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى يۈ لىنشىئاڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، غەربىي شىمال رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 91 - يىلدىكى "بارېن ۋەقەسى"، 97 - يىلدىكى "غۇلجا فېۋرال ۋەقەسى"، 2009 - يىلى 7 - ئايدىكى" ئۈرۈمچى ئىيۇل ۋەقەسى"، تىبەتلەرنىڭ 2008 - يىلىدىكى "مارت ۋەقەسى"، قاتارلىقلارنى باستۇرۇشتا ھەم 89 - يىلدىكى "تىئەن ئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" قاتارلىقلارنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن قوماندانلار ئىكەن.

نۇر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە خىتاينىڭ ئەسلىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللىرى قىسىملىرى 2 - زەمبىرەكچىلەر قوشۇنىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن جاڭ خەيياڭ، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شىئانىڭ ئوغلى ئىكەن؛ گۇئاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن يوۋ خەيتاۋ بولسا گۇئاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ ئىلگىرىكى قوماندانى يوۋ تەيجوڭنىڭ ئوغلى ئىكەن. بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە يەنە ئىلگىرىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى لى شىئەننىئەننىڭ كۈيئوغلى لىئۇ ياجۇ ھاۋا ئارمىيە مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارلىقىدىن دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

قۇياش گېزىتى بۇ قېتىملىق تەڭشەشكە باھا بېرىپ، "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھەربىي كۈچنى كومپارتىيىنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنى باستۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىكى تايانچ كۈچ قىلغاندىن سىرت، ئىلگىرىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەربىي قوشۇن ئىچىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇپ، 'پەرزەنتلەر قوشۇنى' نى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولسا كېرەك. مەيلى، جىئاڭ زېمىن بولسۇن، ياكى خۇ جىنتاۋ بولسۇن ۋە ياكى كەلگۈسىدە دۆلەت رەئىسى بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان شى جىنپىڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەيدانى ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇلار ھەر ۋاقىت كومپارتىيىدىن ئىبارەت بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قىزىل ھاكىمىيەتنى قوغدايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلغان ھاكىمىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشىغا تېخى بالدۇر، خەلق دېموكراتىيىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ ھازىرچە بىر چۈش،" دەپ كۆرسەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.