ئاسىيادا خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بېرى ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاجراتقان سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئەھۋال ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئەندىشە قوزغاپ، ئۇلار ئارىسىدىكى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كۈچەيتكەن. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى، دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىنى ئىزچىل كۈچەيتىشىدىكى مەقسىتى ئامېرىكا يېقىندىن تەقىب قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چاقىرغان بىر قېتىملىق ئىسپات بېرىش يىغىنىدا بۇ مەسىلە نۇقتىلىق پىكىر ئالىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

خىتاي ئاز دېگەندە يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ھەربىي ئىشلارغا ئاجراتقان مۇداپىئە خام چوتىنى ئىزچىل ئىككى رەقەم بىلەن كۆپەيتىپ كەلگەن رايوندىكى بىردىن-بىر دۆلەتتۇر. ئامېرىكا «ۋالل سترېت ژۇرنال گېزىتى» ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىنى ئىزچىل كۆپەيتىپ، ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئەنسىزلىككە سېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «ۋالل سترېت ژۇرنال گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئاجراتقان مۇداپىئە خام چوتى يېقىنقى 10 يىلدا 358% كۆپەيگەن بولۇپ، 2010-يىلى 81 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئوخشاش مەزگىلدە ھىندىستان ھەربىي خام چوتىنى 151% كۆپەيتىپ، 32 مىليارد دوللارغا، ھىندونېزىيە 51 % كۆپەيتىپ، 5 مىليارد 300 مىليون دوللارغا، ئاۋسترالىيە 84% كۆپەيتىپ، 21 مىليارد 300مىليون دوللارغا يەتكۈزگەن. «ۋالل سترېت ژۇرنال گېزىتى» خىتاينىڭ يېقىنقى 10 يىلدا قورال-ياراق سېتىۋېلىشقا 150 مىليارد دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئامېرىكا ۋە رايوندىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت سالىدىغان بىر تاشقى كۈچ بولمىغان ئەھۋالدا ھەربىي خام چوتىنى ئىزچىل كۆپەيتىشىدىكى نىيەت-ئىقبالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات پىلانىنى مەخپىي تۇتۇشى خىتاينىڭ نىيەت-ئىقبالىغا نىسبەتەن گۇماننى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ قىزىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سۈرۈشتىكى نىيەت-ئىقبالى رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئامېرىكا ئۇزۇندىن بېرى كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا خىتاينىڭ رادارغا چۈشمەيدىغان كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانى، دۇڭفېڭ 20 ‏ بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىغا قارشى ئىلغار تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىققانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ ئاسىيادىكى ئامېرىكا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ-خەتىرى ئامېرىكىدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان ئىدى. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاخبارات كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بىر قېتىملىق ئىسپات بېرىش يىغىنىدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى، ئامېرىكا ھەربىي كۈچى، ئىنتېرنېت ھۇجۇمى ۋە سودا سىستېمىسىغا سالىدىغان تەھدىتىگە سەل قارىماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دۇچ رۇپپېرسبېرگېر، خىتاينىڭ يۇقىرىقى ساھەلەردىكى تەھدىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ، «خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خام چوتنى جىددىي كۆپەيتىشى ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇشى بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ھېقىقى رىقابەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان گۇرۇھلارنىڭ ئىنتېرنېت ھۇجۇمى ئامېرىكا ۋە دۇنيا سەل قاراشقا بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە. گەرچە تور ھۇجۇمى ھازىرغىچە مەملىكەت خاراكتېرلىك دىققەت قوزغىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ زور مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. تور ھۇجۇمى نوقۇل ئېلېكتر ئىستانسىسى، يان تېلېفون ۋە ئاي پاد نى نىشان قىلمىغان. بۇ بىزنىڭ ئېكىتىر تەمىناتى، بانكا، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى قوغداش ۋە مەخپىي ھەربىي ئاخبارات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئەگەر بۇ سىستېما بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

«ۋالل سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ھەربىي ئۈستۈنلۈكىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى ئېلىپ بارغان بەزى ھەرىكىتى رايوندىكى دۆلەتلەرنى كەلگۈسىدىكى ھەر خىل ئېھتىماللىققا تەييارلىق قىلىپ قويۇشقا مەجبۇر قىلماقتا ئىكەن. بەزى ئانالىزچىلار، ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن نۆۋەتتىكى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بېرى يۈز بەرگەن ئاسىيادىكى ئەڭ جىددىي ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «ۋالل سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي 2009 ۋە 2010‏-يىلى دۆلەت مۇداپىئە ئومۇمى خام چوتىنىڭ 33% نى يېڭى قورال-ياراق ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا، ئوخشاش مەزگىلدە ھىندىستان ھەربىي خام چوتىنىڭ 40% نى، ئاۋسترالىيە 24% نى، ھىندونېزىيە 15% نى يېڭى قورال-ياراق ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغان. ياپونىيىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مۇداپىئە پروگراممىسىدا ئۇنىڭ 5 سۇ ئاستى پاراخوتى، 3 قوغلىغۇچى پاراخوتى، 12 ئۇرۇش ئايروپىلانى، 10 رازۋېدكا ئايروپىلانى، 39 دانە ھەربىي تىك ئۇچار سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات نىشانى ئۇيغۇر، تىبەت ھەرىكىتى ۋە ئىچكى توپىلاڭ يۈز بەرسە باستۇرۇپ، تەيۋەننى ئىشغال قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ نىشانى تىنچ ئوكيانغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

«ۋالل سترېت ژۇرنال گېزىتى»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان زېمىن تالا-تارتىشىنى قايتا قوزغاپ، ئۇلار ئارىسىدا ئۇرۇش پەيدا قىلىش خەۋپى مەۋجۇت. بەزى ئانالىزچىلار، رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ زور كۆلەملىك ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى، خىتاينىڭ كىچىك ئىختىلاپلارنى باھانە قىلىپ، زور كۆلەملىك توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىش نىيىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققەت-نەزىرى يالغۇز خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئامېرىكىغا سالىدىغان تەھدىتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىشى قاتارلىق ئامىللار پەيدا قىلىدىغان تەھدىتلەردۇر.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ يېقىنقى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئاقساراينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ئىشخانىسى مۇدىرى جېيمىس كلېپپېر ئەسكەرتىپ، «مەن شۇنىمۇ ئەسكەرتىمەنكى، بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن دۇنيادا ئىقتىسادى رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ساھەدىكى تەھدىت قەرزنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇق ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، تور ھۇجۇمى بىز ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە. بۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادى گۈللىنىشكە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى زور. بۇ جەھەتتىكى تەھدىت ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان، كۆلەملىشىۋاتقان ۋە كەسىپلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىنى كونترول قىلىش قىيىنلىشىۋاتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم ئۆزىنىڭ يىللىق ھەربىي خام چوتىنىڭ ئامېرىكىدىن كۆپ ئاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشى ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك ھەربىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقى، ھەر قانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، ئەگەر خىتاي باشقىلارنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ھەربىي تەرەققىيات پىلانىنى يوشۇرۇن تۇتماي، ئاشكارا يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ۋە ھەربىي خام چوتنى تىزگىنلىشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرمەكتە.