فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» بۈگۈن ھەربىي قىسىملارغا، ئىنتېرنېتتىكى ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك كېرەك دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى. بۇ، كوممۇنىست پارتىيە دۆلەت رەئىسىنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىت يېقىنلىشىۋاتقاندا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا پارتلىغان ھوقۇق تالىشىش جىددىيلەشكەن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئىچىدە ئارمىيىنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئارمىيىسىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسى ھەدەپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىددىي چاقىرىق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغان بىردىن - بىر كۈچ - ھەربىي قىسىملار. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەربىي قىسىملىرىغا چىقارغان بۇ چاقىرىق، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جىددىي توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقاندا ھەربىي قىسىملارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى.
خىتاينىڭ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» بۇ چاقىرىقنامىگە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ۋاڭ - چۇڭدا گاڭگىرىماسلىق، ئىغۋاغا ئالدانماسلىق، يۇشۇرۇن ئېقىمغا ئەگەشمەسلىك كېرەك دېگەن بۇيرۇقىنى دەستەك قىلغان.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋ خەلق ئەركىن ھالدا بايان قىلغان پىكىر، تەكلىپ ياكى نارازىلىقلارنى «ۋاڭ - چۇڭ» دەپ ئەيىبلىگەن، خەلق ئىنتېرنېتتە ئەركىن بايان قىلغان پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنى «ئىغۋا» دەپ ئەيىبلىگەن، ھازىر جەمئىيەتتە زىيالىيلار قاتلىمىدا پەيدا بولغان كەڭ كۆلەملىك ئويغىنىش ۋە دېموكراتىيىگە بولغان جىددىي ئىنتىلىشنى «يۇشۇرۇن ئېقىم» دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ، خۇ جىنتاۋنىڭ تېگى - تەكتىدىن خەلققە قارشى تۇرىدىغان شەخس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى جاڭ تيەنلياڭ قاتارلىق خىتاي زىيالىيلىرىمۇ، تۈنۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق مۇلاھىزە ئېلان قىلغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يۇشۇرۇپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى ۋە خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ تور پونكىتىنى تاقىغانلىقىغا، ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان كىشىلەردىن مىڭدىن ئارتۇق زىيالىينى «ئىغۋا تارقاتتى» دېگەن نام بىلەن قولغا ئالغانلىقىغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇلار يەنە، ئەگەر خەلق ئىنتېرنېتتە ئەركىن پىكىر بايان قىلىپ، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى سرتقا يايمىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى توغرىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق جاكارلىغان «نېرۋىسى چارچاپ كەتتى، ئارام ئېلىۋاتىدۇ» دېگەن باياناتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتەرمىدى؟ خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئۆزى ئىچكى قىسمىدا يۈز بېرىۋاتقان كەسكىن ھوقۇق ئۇرۇشىنى ئۆزى دۇنياغا ئاشكارىلامتى؟ دەپ سوئال قويغان ئىدى.