بۈگۈن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى نېفىت بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە جىددىي تىركىشىش يۈز بەردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن يىللاردىن بۇيان ئۆزى دۇنياغا جاكارلاپ كېلىۋاتقان «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» دېگەن باش سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان بىلەن ۋيېتنامنىڭ ۋيېتنام تەۋەسىدىكى دېڭىزدا ھەمكارلىشىپ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى قىدىرىۋاتقان ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ھىندىستانغا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش جاكارلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، ھىندىستان نېفىت شىركىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى 127- ۋە 128-نومۇرلۇق نېفىتلىككە كىرگەنلىكى تامامەن قانۇنسىزلىق دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىت قېزىۋاتقانلىقى، ئاددىيلا نېفىت قېزىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە تاقىلىدىغان ئېغىر مەسىلە، دېدى. ھەتتا ھىندىستانغا تەھدىت سېلىپ، خىتاي ھەرگىز ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىت قېزىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئەگەر ھىندىستان جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاينىڭ رۇخسىتىسىز نېفىت قېزىۋەرسە، خىتاي ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە مەنبەلىرىدىن باشقا مەنبەلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھىندىستاننى سەگەكلەشتۈرۈپ قويىدۇ، دېدى.
«ھىندىستان» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىشنا بۈگۈن خانۇينى زىيارەت قىلدى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىشنا خانۇيدا ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ تەمكىن جاكارلىدى: ھىندىستاننىڭ ۋيېتنام بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ھەمكارلىقى تامامەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق. ھازىر ھىندىستان بىلەن ۋيېتنام بىرلىكتە نېفىت قىدىرىۋاتقان نېفىتلىكلەر ۋيېتنام تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى نېفىتلىكلەر. ھازىر ھىندىستان بىلەن ۋيېتنام بىرلىكتە نېفىت قىدىرىۋاتقان بۇ نېفىتلىكلەر ھېچقاچان خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى نېفىتلىكلەر ئەمەس. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ نېفىتلىكلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1982-يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ھەققىدە ماقۇللىغان «دېڭىز قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان دائىرىدىكى ۋيېتنام تېررىتورىيىسى ئىچىدە. ھىندىستاننىڭ ۋيېتنام بىلەن نېفىت قىدىرىش ھەمكارلىقى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى ئۆزى خالىغانچە كېڭەيتىۋېلىش ھوقۇقى يوق.
«ئاۋسترالىيان» گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە بۈگۈن سانفرانسېسكودا، ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقداشلىقى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھېلارىي كىلىنتون، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېۋىن رۇت، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ستېفەن سمىسلەر سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي دېڭىزنى ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ئىتىپاقداشلىقىنىڭ دائىرىسىدىكى رايون دەپ تەبىر بەردى.