خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ 21 - ئەسىردىكى ئېلىشىشى شەكىللەنمەكتە

24‏ - ئۆكتەبىر كۈنى شەرقىي ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چېگرا مەسىلىسىدە 'سىلىق ھەم ساغلام سۆھبەت ئۆتكۈزۈش'كە كېلىشكەن بولسىمۇ، ئەمما مانموخاننىڭ 'دالاي لامانىڭ ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ' دېگەن سۆزى خىتايدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.10.26
Xitay-Hindistan-sohbiti-305.jpg ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﻤﻮﻫﺎﻥ ﺳﯩﻨﻎ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺩﺍﻱ ﺑﯩﯖﮕﻮ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 20 - ﺋﺎﭘﺮﯨﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ.
AFP Photo

بۈگۈن ھىندىستان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بانگالوردىن خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىشنا بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى ئەتە 27‏ - ئۆكتەبىر كۈنى يەنە 'چېگرا سۆھبىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش' ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ھازىر پەقەت چېگرا سۆھبىتىنى 'سىلىق ئۆتكۈزۈش ياكى ئاسانلاشتۇرۇش' ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە 'ۋولت سترىت گېزىتى' بۈگۈن 'خىتاي بىلەن ھىنىدستاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى ئەسردىكى ئېلىشىشى' سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئېلان قىلدى.

'بۇ ھىنىدستاننىڭ زېمىنى، بىز ھىندىستان پۇقراسى، بۇ جايدا ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد مال بېقىپ كېلىۋاتىمىز'

--- ھازىر خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت قەتئىي نىيەتكە كەلگەن ئىككى چوڭ دۆلەت، ھېمالايا ئېتەكلىرىدە زېمىن تالىشىپ بىر - بىرىگە پەقەت يول قويۇشمايۋاتىدۇ، --- دەپ باشلىنىدۇ 'ۋولت سترىت گېزىتى' نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان باش ماقالىسى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، مۇشۇ يىلنىڭ ئىچىدە، خىتاينىڭ يىگىرمە نەچچە ئەسكىرى ھېمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى بىر قىشلاققا كېلىپ، مال بېقىۋاتقان چارۋىچىلارنى 'ھىندىستاندىكى دېمكوكقا كېتىپ مال بېقىڭلار' دېگەن. بۇ چارۋىچىلار خىتاي ئەسكەرلىرىگە 'بۇ ھىنىدستاننىڭ زېمىنى، بىز ھىندىستان پۇقراسى، بۇ جايدا ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد مال بېقىپ كېلىۋاتىمىز' دېگەن. جېدەلدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ لاداق ئاپتونومىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى چېرىڭ دورجاي بۇ قىشلاققا كېلىپ 'خىتاي بىزنىڭ زېمىنىمىزنى پىلە قۇرۇتىدەك يەپ، ھازىر مۇشۇ جايغا كەلدى، سىلەر بۇ جايدىن قوزغالماڭلار، ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى سىلەرنى قوغدايدۇ' دەپ جاكارلىغان.

ئارۇناچالنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى

ۋىكى ئىنىسكىلوپىدىيىسدە بايان قىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە ۋەكىلى، تىبەت ۋەكىلى، ئەنگىلىيىگە قارام ھىندىستان ۋەكىلى ۋە جۇڭخۇا مىنگو ۋەكىلى 1914‏ - يىلى ئۆتكۈزگەن 'ھېمالايا سۆھبىتى'دە، ھېمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئارۇناچال، تاۋان رايونلىرى ئەنگىلىيىنىڭ تەۋەلىكىدە بولىدىغانلىقى بېكىىتلگەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كېلىشىمگە جۇڭخۇا مىنگو ۋەكىلى ئىمزا قويمىغان، ئەمما قالغان ئۈچ تەرەپ ئىمزا قويغان. يىللاردىن بۇيان تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان 'مىكماخۇن سىزىقى' دېگەن مۇشۇ.

ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئارۇناچال بوتان ۋە بېرما بىلەن تۇتىشىدىغان مەنزىرىسى گۈزەل زېمىن. ئالتىنچى ئەۋلاد دالاي لاما مۇشۇ رايوندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. يەر كۆلۆمى 83 مىڭ 743 كۋادىرات كىلومېتىر. بۇ رايوندا تىبەتچە بۇددىزمىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، تىبەت تىلىدا سۆزلىشىدىغان كاڭبا قاتارلىق 10 نەچچە قەبىلە ۋە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ھىندى تىلىدا سۆزلىشىدىغان نوت قەبىلىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ ئىككى رايون 1936‏ - يىلىدىمۇ 'بېكىتىلمىگەن چېگرا' دەپ قارىلاتتى. 1954‏ - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ رايونلارنى 'جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ جاكارلاشقا باشلىدى. بۇ تالاش - تارتىش 1962 ‏- يىلىدىكى خىتاي - ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي 'چېگرا'دىن 20 كىلومېتىر چېكىنگەن ئىدى. ھىندىستان پارلامىنتى 1986‏ - يىلى بىر قارار ماقۇللاپ، بۇ رايوننى 'ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتى' دەپ جاكارلىدى. خىتاي ھازىر ئارۇناچالنى 'جەنۇبىي تىبەت' دەپ ئاتاپ، بۇ زېمىننى تىبەتتىكى ھەر قايسى ناھىيىلەرگە بۇيرۇپ بېرىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشنى تېزلىتىۋاتىدۇ.

خىتاي بىلەن ھىنىدستان ھازىر زېمىن ھوقۇقى مەسىلىسىدە بىر - بىرىگە مۇتلەق يول قويۇشمايۋاتىدۇ

'ۋولت سترىت گېزىتى' بۈگۈن ئېلان قىلغان "خىتاي بىلەن ھىنىدستاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى ئەسردىكى ئېلىشىشى" سەرلەۋھىيىلىك باش ماقالىنىڭ بايانى مۇنداق داۋاملىشىدۇ: ھازىر خىتايمۇ، ھىندىستانمۇ، ھەر ئىككىسى ھېمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى بۇ زېمىندە تاغ ئېغىزلىرىغا ئەسكەر قويۇپ، زېمىن ھوقۇقى مەسىلىسىدە بىر - بىرىگە مۇتلەق يول قويۇشماي تۇرۇۋاتىدۇ.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ھەر ئىككىسى ئامېرىكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئويلايدۇ

خىتاي بىلەن ھىندىستان بەزىدە ھەمكارلىشىدۇ، بەزىدە سەتلىشىپ قالىدۇ. ئەمما ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەگەر بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولسا، مەسىلە ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىدىغانلىقى تۇرغان گەپ.

خىتاي ئۆزىنىڭ رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولدى، ئەمما 2003 ‏- يىلىدىن بۇيان، ھىندىستان بىلەن بولغان زېمىن مەسىلىسىدىكى 13 قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى كۆرۈلمىدى. ھازىر ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىمۇ جىددىي. ھىندىستان خىتاينىڭ تۆكۈپ ساتىدىغان ئوبىكتى بولۇشنى خالىماي، خىتاينىڭ ئويۇنچۇق، كالا سۈتى، شاكىلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى. ھازىر خىتاينىڭ ئاپتوموبىل چاقى ۋە خېمىىيە مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ھىنىدستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي ئۈستىدە يوللىغان دېلولار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

خىتايلار ھازىر تالاش - تارتىشتىكى رايونلاردا تاش - قىيالارغا خىتايچە خەت يېزىپ، بەلگە قويۇشقا باشلىغان

ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىدا سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن دۇنيا بانكىسىغا سۇنغان مەبلەغ ئىلتىماسىنى خىتاي توسۇپ قويدى. ئەمما خىتاي ئۆزى، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ھەربىي كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا سۇ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. شۇنداقلا، بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىىسدىكى تالاش - تارتىشتا تۇرۇۋاتقان ئارۇناچال، كەشمىر رايونلىرىنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا تارقىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ئاررۇناچال پۇقرالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ چارلىغۇچىلىرى ھازىر تاش - قىيالارغا خىتايچە خەت يېزىپ، بەلگە قويۇشقا باشلىغان.

'ۋولت سترىت گېزىتى' نىڭ ماقالىسىدا بايان قىلىنىشىچە، خېلىدىن بۇيان مۇشۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە ئۇلارنىڭ بەزىدە ياخشى، بەزىدە يامان بولۇپ قالىدىغان چېگرا مەسىلىسى ھازىر مۇرەككەپلىشىپ قالدى ۋە بۇنىڭدىن، خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئاسىيادىكى بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى ئېلىشىشى باشلانغانلىقى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.