خىتاي، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئارۇناچالغا قەرز بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ھىنىدستان بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مەبلەغ ئىگىلىرى كومىتېتىغا ئىككى مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان ئىدى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى 6 ‏ - ئاينىڭ 15 ‏ - كۈنى ھىندىستاننىڭ بۇ ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ قارار ماقۇللىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.06.19

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ھىندىستانغا بېرىدىغان قەرز پۇلنىڭ 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىتاي - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا زېمىن تالاش - تارتىشى بولۇۋاتقان ئارۇناچال شىتاتىغا بېرىلىدىغان قەرز ئىدى.

چىن گاڭ: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاخىرقى ھېسابتا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنى 'گەرچە قالاق رايونلارغا ياردەم بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ' دەپ جاكارلىدى.

شۇنداقلا يەنە، ئاسىيا بانكىسىنىڭ قەرز مۇئامىلە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتسىز مەسىلىنى سۆزلەپ 'جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ھىنىدىستان بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ' دەپ تەكىتلىدى.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى: بانكا كەسپى خىتاي - ھىنىدىستان زېمىن جىدىلى بىلەن مۇناسىۋەتسىز

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى: بۈگۈن ب ب س نىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ 'بانكا كەسپى خىتاي - ھىنىدىستان زېمىن جىدىلى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بانكىنىڭ نىزامنامىسى بۇيىچە، خىزمەتچىمىز ھېچقاندا ق سىياسى ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ، بىزنىڭ قەرز بېرىش قارارىمىز ئىقتىسادىي ئامىللارغا ئاساسەن چىقىرىلغان ' دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاي بىلەن ھىنىدستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سۆھبىىتىنىڭ تېخىچە نەتىجىسى كۆرۈلمىدى

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتاي بىلەن ھىنىدستان ئوتتۇرىسىدا، 1962 ‏ - يىلىدىكى چېگرا ئۇرۇشىدىن قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2006‏ - يىلىدىن باشلاپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.

ئەمما تا ھازىرغىچە تېخى بىرەر مۇرەسسە ياكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. خىتاي 2008‏ - يىلىدىن باشلاپ يەنە، ھىندى ئوكيان ۋە مولوككا ئاراللىرىدىكى خەلقئارا قاتناش يوللىرىنى قوغداش ئۈچۈن، بىر نەچچە ھەربىي بازا قۇرۇشقا باشلىدى.

رېڭ يىڭ: خىتاي بىلەن ھىنىدىستان ئوتتۇرىىسىدا چېگرا مەسىلىسىدە ھېلىمۇ قارشىلىشىش مەۋجۇت

بۈگۈن خىتاي بىلەن ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھىنىدستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىغا قەرز بېرىش مەسىلىسىدە قارشىلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى رېڭ يىڭ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى كۈچ سېلىشتۇرمىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ھىنىدىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا مەسىلىسىدە ھېلىمۇ قارشىلىشىش مەۋجۇت.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىستېراتېگىيە جەھەتتە تاقابىل تۇرۇش نىشانى ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياپونىيە. ھىنىدىستاننىڭ تاقابىل تۇرۇش نىشانى بىرلا خىتاي. خەلقئارالىق دېڭىز يوللىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ تاۋار ئىكىسپورتى ۋە ئىمپورتى ئاساسەن دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ. بۇلتۇر ئوتتۇرا شەرقتىن، ئافرىقىدىن ئىمپورت قىلغان 200 مىليون توننا نېفىتنىڭ ھەممىسى خىتايغا ھىندى ئوكياندىن ئۆتۈپ مولوككا ئاراللىرى ئارقىلىق توشۇلدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي 1990 ‏ - يىللاردىن باشلاپلا ھىندى ئوكياندا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ھازىر پەقەت پاكىستاننىڭ ۋە بېرمىنىڭ دېڭىز پورتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھىندى ئوكيانغا كۈچ كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمما ھىنىدستاننىڭ دېڭىز قىسىملىرى خىتايدىن كۈچلۈك.

ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا ھازىر ھىنىدستان بىلەن قارشىلىشىۋاتقان ئاران بىرلا ھەربىي كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ، پاكىستان. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ھىندىستانغا تاقابىل تۇرىدىغان بىرلا تەدبىرى پاكىستاننى قوللاش. پاكىستان قولدىن كەتسە، ھىنىدىستانغا تەھدىت بولىدىغان كۈچ قالمايدۇ، بەلكى ھىنىدستان بىۋاستە خىتايغا تەھدىت بولالايدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي پاكىستاننى قوللاشنى ھەرگىز ئاجىزلاشتۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھازىر تىبەت ئارقىلىقمۇ ھىندىستانغا تەھدىت بولالايدۇ. ئەمما تىبەتتە قاتناش قولايسىز، جوغراپىيە شارائىتى جەھەتتىن بۇ رايوندا يەنىلا ھىنىدستان ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ھىندى ئوكيانمۇ ھازىر يەنىلا ئامېرىكىدىن قالسا ھىنىدىستاننىڭ ئوكيانى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.