ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاينىڭ 'يالۇزامپۇ توسمىسى'غا قارىتىلغان

ھىندىستان ھازىر ھىندىستان - خىتاي چېگرىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا، پىيادە قىسىم ۋە ھاۋا قىسىملىرىنى تېز كۆپەيتىۋاتىدۇ. كانادادا چىقىدىغان، 'كانۋا مۇداپىئە ژۇرنىلى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ بۇ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىتاي ھازىر يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ توسما قۇرۇلۇشىنى چېكىندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

0:00 / 0:00

بۈگۈن مەركىزى ئاگېنتلىقى كانادادا، ئىنگلىزچە، خىتايچە، ياپونچە چىقىدىغان، مەخسۇس ئاسىيادىكى ھەربىي يۈزلىنىشلەرنى تەتقىق قىلىدىغان 'كانۋا مۇداپىئە ژۇرنىلى' نىڭ يېقىنقى سانىدا، ھىندىستاننىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلنى كۆزلەپ، خىتاي -ھىندىستان چېگرىسىدا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 'كانۋا مۇداپىئە ژۇرنىلى' دىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان يېقىندا ئاسام شىتاتىغا تاغلاردا ئۇرۇش قىلىدىغان ئىككى دىۋىزىيە ۋە بىر برونېۋىك باتاليونىنى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى تېزپۇر ۋە چامبۇۋا رايونىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنى، يەنە ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سۇخۇاي 30 م ك 1 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلان ئوتتۇرا ئەترىتىنى قوشۇپ كۈچلەندۈرگەن. ھىندىستان بۇنى 'ئىككى يىللىق پىلان' دەپ جاكارلىغان.

ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى قارىغا ئالغان نىشانلار خىتاينىڭ چۇڭچىڭ، نەننىڭ، گۇيلىن، لەنجۇ شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ھىندىستان ھازىر خىتاي چېگرىسىغا 50 كىلومېتىر يېقىن جايلارغا ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئىلغار تىپلىق ئۇرۇشچى ئايروپىلانلار 'براخموس' بەلگىلىك ھاۋادىن يەر يۈزىدىكى نىشانلارغا ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغان. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قارىغا ئېلىنغان نىشانلار خىتاينىڭ چۇڭچىڭ، نەننىڭ، گۇيلىن، لەنجۇ شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ بۇ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىتاينىڭ يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ توسما قۇرۇلۇشىنى چېكىندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خىتاينىڭ 'يالۇزامپۇ توسمىسى' گېئولوگىيىلىك ئاپەت پەيدا قىلىدۇ

خىتاي ھازىر تىبەتتىن باشلىنىدىغان يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ توسما قۇرۇلۇشى، ھىندىستاننىڭ ئاسام شىتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە چوڭ رايونىنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ ھازىر ھىمالايا تاغلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل توسما قۇرۇلۇشلىرى، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

خىتاي 'يالۇزامپۇ توسمىسى' پىلانىنى سىياسىي قورالغا ئايلاندۇرۇۋالدى

يىللاردىن بۇيان، خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت دۇنيا بۇيىچە نوپۇسى ئەڭ كۈپ بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان سۇ مەنبەسى ماجىراسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ. خۇددى بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن 'ئامېرىكا ئاۋازى' بايان قىلغاندەك، دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر دەپ ئاتىلىدىغان ھىندىستانمۇ، خىتايمۇ سۇ قىس دۆلەت. بۇ ئىككى دۆلەتتىكى سۇ قىسلىقى ئوتتۇرا شەرقتىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتتە سانائەت تەرەققىياتىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقانسېرى، سۇ مەسىلىسى شۇنچە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈپ قالدى.

بۇنداق ئەھۋالدا، خىتاينىڭ، جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تىبەت ئېگىزلىكىدىكى چەكسىز مۇزلۇقلارنى مەنبە قىلغان 'يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن خۇاڭخې ۋادىسىنى قۇتقۇزۇش' دېگەن پىلاننى تۈزگەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي ئەتراپتىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ مۇددىئالىرىغا يول ئېچىپ بەرگۈزۈش ئۈچۈن بۇ 'پىلان' نى سىياسىي قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى، خىتاينىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى.

خىتاي 'يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن خۇاڭخې ۋادىسىنى قۇتقۇزۇش' دېگەن پىلانىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئاتوم بومبا قوللانماقچى بولغان

1990‏ - يىلى جەنۋەدە ئېچىلغان ئاتوم سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش سۆھبەت يىغىنىدا، خىتاي تىبەت ئېگىزلىكىدە ئېلىپ بارىدىغان 'يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن خۇاڭخې ۋادىسىنى قۇتقۇزۇش' دېگەن پىلاننى ئاتوم بومبا بىلەن پۈتتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئاتوم بومبىنى مۇشۇنداق تىنچلىق ئۈچۈن قوللىنىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغاندا، يىغىننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرتىلسە، براخماپۇترا دەرياسىنىڭ ئېقىنى ئۆكسۈپ قېلىپ، ئالدى بىلەن بېنگال قۇرۇپ كېتىدۇ

ئەگەر خىتاي يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە، تىبەت ئىگىزلىكىدىن ھىندىستانغا ئېقىپ كېلىدىغان براخماپۇترا دەرياسىنىڭ ئېقىنى ئۆكسۈپ قېلىپ، بۇ رايوندا گېئولوگىيىلىك چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولىدىغانلىقى، ئالدى بىلەن بېنگال قۇرۇپ كېتىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۇ مەنبەسى ماجراسىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارالىق مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر تۇتاش ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئەمما، ھازىر خىتاينىڭ'يالۇزامپۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن خۇاڭخې ۋادىسىنى قۇتقۇزۇش' دېگەن پىلانى ئۈچۈن، خىتاي بىلەن ھىندىستان ۋە ئەتراپتىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىدىن ئۈمىد يوق. بەلكى ھازىر قارشىلىق بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

مەركىزى ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ خەۋەرگە قارىتا خىتايدىن يېزىلغان ئىنكاسلاردا، 'خىتاي - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى سۇ مەنبەلىرى ھەققىدىكى ماجرا، خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىدا يۈز بەرگۈسى ھەربىي توقۇنۇشقا ئوت تۇتىشىدىغان پىلتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن'، 'خىتاي ئارمىيىسى ھازىر ھىندىستان قىسىملىرىنى بىراقلا يوق قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار' دەيدىغان سۆزلەر پەيدا بولدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.