جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەلدارى
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ئىككى نەپەر خىتاي ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك خادىمى ئىكەن. فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى بۇنىڭ خىتاينىڭ " 610 - نومۇرلۇق ئىشخانا " سىنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى، " 610 - نومۇرلۇق ئىشخانا"نىڭ ۋەزىپىسى بولسا، مەخسۇس پۈتۈن دۇنيادىكى فالۈڭگۇڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى فالۈڭگۇڭچىلارنىڭ سېپىگە سوقۇنۇپ كىرىپ، جاسۇسلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بۇ خىتايلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەزى ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى گۇمانلىق شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئاختۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارشى ھۇجۇمى
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ "„گېرمانىيىدە خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى دىققەتنى تارتماقتا" ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ گېرمانىيىدىكى ئەلچىخانىسى، مەزكۇر جاسۇسلۇق دىلوسى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە رەسمىي يازما شەكىللىك نارازىلىق بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، فالۈڭگۇڭچىلارنىڭ تور بەتلىرىگە ۋە ئېلخەت ئادرىسلىرىغا "ياغاچ ئات" ناملىق ۋىرۇسلار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى بۇ خۇسۇستا كۆپلىگەن شىكايەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن.
گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈۋاتقان خىتايلار
فېدىراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنىڭ بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بېرىلگەن مەلۇماتلار مەتبۇئاتلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. گەرچە، بۇ يىل 1 - ئايدا گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى گېرمانىيىدىكى 30مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەممىسىنىڭلا جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى رەت قىلغان بولسىمۇ، گېرمانىيىنىڭ نۇرغۇنلىغان شىركەتلىرى ۋە بەزى داڭلىق مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ساياھەتچىسىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىسىغا قەدەر جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى پىكرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېرمانىيە جامائىتى ئارىسىدا خىتايغا نىسپەتەن گۇمانلارنىڭ ئۇلغىيىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ قېتىم ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى تۈپەيلى تەكشۈرۈشكە دۇچ كېلىشى، گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىدە خىتايلارنىڭ جاسۇسلۇق ۋەقەلىرىنى يەنە بىر قېتىم قىززىق تېمىغا ئايلاندۇردى.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇنازىرە
2009 - يىلى 11 - ئايدا گېرمانىيىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ جاسۇس گۇماندارى سۈپىتىدە ئۆيلىرى ئاختۇرۇلۇپ، مەسىلىلىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. 2009 - يىلى 7 - ئايدا بولسا، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى توپلاش قىلمىشى تۈپەيلى جاسۇسلۇقتا ئەيىبلىنىپ، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيىدىكى مەسئۇلى مارگارېتىن خانىم تەرىپىدىن سوتقا بېرىلگەن. خىتايلارنىڭ بۇنداق جاسۇسلۇق قىلمىشىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىپ بېرىشى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ۋە پۇقرالىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلگەن ئىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن تەپتىشى نۇرمەمەت روزاخۇن ئەپەندى، بۇ خىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۇجۇم
د ئۇ ق تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" بىلەن " 26 - ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە تېلېفۇن ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، ئېلخەت ئادرىسلىرىغا ۋىرۇس يوللاش، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى چۆكتۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلىرى گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىي دىققىتىنى تارتتى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى ھەم بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بۇ ۋەقەلەردىن گېرمانىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنى خەۋەردار قىلغان.
نازارەت ئاستىدىكى جاسۇسلار
فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا بارغانسىرى جانلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىمۇ كۈچەيتىلگەن. يالغۇز ئىقتىسادى جاسۇسلۇقلا ئەمەس، سىياسىي جاسۇسلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ يېقىندىن تەقىپ قىلىنىشقا باشلىغان. خىتاي جاسۇسلىرىدىن سىرت، خىتاي ئۈچۈن ئىشلەش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ يېقىندىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
يېڭىدىن يولغا قويۇلغان كونا تاكتىكا
د ئۇ ق دىكى بەزى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل 6 - ئايدىن بۇيان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىمۇ كۈچەيگەن. ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۆز تەۋەسىدىن چىقىپ كېتىپ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈش، يۇۋاشلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلاش، يامانلىرىنى تەھدىت سېلىپ جىمىقتۇرۇشتەك كونا تاكتىكىسىنى يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇشقا باشلىغان. بۇ خىل بېسىملارغا دۇچ كەلگەن گېرمانىيىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.