تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە خەلقنى قوغداش ئۈچۈن ھۆكۈمەت نېمە قىلىش كېرەك؟

سىچۇئەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا، گەرچە تەبىئىي ئاپەتتىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما تەبىئىي ئاپەتكە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەھەتتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ قانداق قىلىپ خەلقى نامرات، خاتا سىياسەت تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ ياشاش مۇھىتى ناچارلاشقان جايلاردا، نامراتلىق ئۈستىگە تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ، ئۇنىڭدا كېلىپ چىققۇسى ئېغىر ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دېگەن تېمىدا ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى مۇلاھىزە باشلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.05.22

 ياۋروپادا چىقىدىغان 'غەرب شامىلى' ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، ھازىر شىۋىتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەت پەن-ئىلىم خادىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ھۈرمەت قىلىشى، ئادەتتە قۇرۇلۇش پىلانلىغاندا ھۆكۈمەت بىنالىرىنىلا يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ سالماي، خەلق تۇرالغۇلىرىنى سېلىشتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىشى ۋە خىيانەتچى ئەمەلدارلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت 'ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش' دېگەن نام بىلەن باشقا نامرات رايونلاردىكى خەلققە مەمۇرىي، سىياسىي بېسىم ئىشلىتىپ ئىئانە توپلاپ، 'سىياسىي ئاپەت' پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.