1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 'شىنجاڭ' (1)

خىتايچە 'شىنجاڭ' يەنى يېڭى چېگرا دېگەن بۇ نامدىكى 'يېڭى' دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى بۇ جاينىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، - دەپ كىتابىنى باشلايدۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى، - خىتايلار 'شىنجاڭ' دەپ ئاتىۋالغان بۇ جاينىڭ تارىخى خىتايلار تاجاۋۇز قىلغان تارىخ، شۇنداقلا، بۇ ئەلدىكى يەرلىك خەلقنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى توختاپ قالمىغان تارىخ.

0:00 / 0:00

بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار

ئاپتور كىتابىدا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر مەزمۇندىن باشقا يەنە، 'شىنجاڭ' دېگەن بۇ جايدا مول تەبىئىي بايلىقلار ساقلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بۇ جاينى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاتوم قورال بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقى؛ خىتاي بۇ جايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن يالغان ئاپتونوم رايون قۇرغانلىقى، يەرلىك خەلقنى بۇ ئاپتونوم رايون ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقى؛ يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن، بۇ جايغا خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرى ئارقىلىق يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەتلىرىنى گۇمران قىلىۋاتقانلىقى؛ خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلەرنى قوللىنىش ئۈچۈن پەقەت 'بىڭتۇەن'گىلا تايىنىۋاتقانلىقى؛ ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۈزلۈكسىز جەڭ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھازىر دەۋاتقان 'ئىناق جەمئىيەت' ئەمەلىيەتتە قانلىق جەمئىيەت بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنغان.

بىرىنچى باب: 'شىنجاڭ' دېگەن بۇجاي قەدىمدىن بۇيان جۇڭگونىڭ زېمىنى بولمىغان

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك خەلقنى 'دۆلەتنى پارچىلىماقچى' دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنىڭ بىردىن ‏ - بىر دەلىلى پەقەت 'شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دېگەن ئۇقۇمدىنلا ئىبارەت. ئەمما خىتاي ئۆزىمۇ بۇ ئۇقۇمنى ئېنىق چۈشەندۈرەلمەيدۇ، 'قەدىمدىن تارتىپ' دەۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايسى يىلدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ھېسابىنى بېرەلمەيدۇ.

دۇنيادا مىلادى بىرىنچى ئەسردىن مۇشۇ ئەسىرگە قەدەر 'ئەزەلدىن... نىڭ بىرقىسمى' دېيىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرى مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. قەدىمدىن تارتىپ مالايشيانىڭ زېمىنى دەپ ئاتالغان سىنگاپور 1965 ‏ - يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. قەدىمدىن تارتىپ ھىندونوزىيەنىڭ زېمىنى دېيىلگەن شەرقىي تېمور 2002 ‏ - يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. كۇۋەيت، چېخلارمۇ مۇشۇ ئەسىردە مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان دۆلەتلەر. ھازىر كوسوۋامۇ تولۇق مۇستەقىل بولۇش ئالدىدا. دېمەك، بىركىم 'قەدىمدىن تارتىپ' دەۋالغان گەپ ھېچقاچان قايسى بىر دۆلەتنىڭ 'بىرلىكى' نىڭ دەلىلى بولالمىغان.

ئاپتور 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 'شىنجاڭ' دېگەن كىتابىنىڭ مەزكۇر بابىدا، خىتاينىڭ قايسى بىر دەۋردە بۇ جايغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ۋە يوقىتىلغانلىقى، كېيىن قايسى بىر دەۋردە يەنە تاجاۋۇز قىلغانلىقى، يەرلىك خەلق تەرىپىدىن يەنە يۇقىتىلغانلىقى؛ خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسىمۇ ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقى؛ بۇ جاينى خىتاينىڭ گومىنداڭ پارتىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان دەۋردىمۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلق خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 1933 ‏ - يىلىدا ۋە 1944 ‏ - يىلىدا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقى؛ 1949 ‏ - يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ جاينى بېسىۋالغاندىن كېيىن، يالغان ئاپتونوم رايون قۇرغانلىقى، بولۇپمۇ 90 ‏ - يىللاردىن كېيىن، خىتاي بۇ ئەلنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، 'ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىق قىلدى' دېگەن بەتنام بىلەن قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى توختاپ قالمىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەيۋەن خەلقىغە تونۇشتۇرغان.

ئەگەر بۇ جاي قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ زىمىنى بولسا، - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، - خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ جاينى يېڭى چېگرا دەپ ئاتاپتىكەن؟ نېمە ئۈچۈن 'كونا چېگرا' ياكى 'قەدىمقى چېگرا' دەپ ئاتىماپتىكەن؟ خىتاي تارىخىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ جايدا يەر ئىگىللەش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن يوقىتىلغان. كېيىنكىلەرمۇ شۇنداق بولغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسمۇ 1949 ‏ - يىلى بۇ جاينى بېسىۋالغاندىن كېيىن، 'ئازاد قىلدۇق' دەپ ئالدامچىلىق قىلدى، ئەمما يەنىلا تارىختىكى تاجاۋۇزچىلارغا ئوخشاش 'بىڭتۇەن' قۇرۇپ يەر ئىگىلەش بىلەن شۇغۇللاندى. شۇڭلاشقا 'شىنجاڭ' دەپ ئاتالغان بۇجاينىڭ ئەسلى خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى توختىماي كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ھازىر خىتاي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.