1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 'شىنجاڭ' (2)

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەيۋەن خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يازغان " 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن ئىخچام كىتابىنىڭ ئىككىنچى بابىنى، يەنى 'شىنجاڭ'دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جاينىڭ خىتايدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى' دېگەن بابىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ.

0:00 / 0:00

"خىتايچە 'شىنجاڭ' يەنى يېڭى چېگرا دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئەلدە ئىنتايىن مول تەبىئىي بايلىقلار بولغاچقا، خىتاي بۇ جاينى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى، خەلقئارادىن ئېنېرگىيە ئەكىلىدىغان يولى ۋە ئاتوم قوراللىرى سىناق بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، قولدىن كەتسە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن."

ئىككىنچى باب: شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىرىنچى دالا ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى بىڭتۇەنىنى باشلاپ 1949 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا 'شىنجاڭ'غا كىرگەن ۋاڭ جېن، ئالدى بىلەن، تەسلىم بولغان گومىنداڭ قىسىملىرىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قوللاۋاتقان ئىلىدىكى مىللي ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاڭ جېن ئۆزى 'شىنجاڭ پادىشاھى' بولۇۋالدى، گەرچە بۇ قوشۇننىڭ قوماندانى پېڭ دېخۇاي دەپ ئاتالغان بولسىمۇ.

ۋاڭ جېن شۇنىڭدىن كېيىنلا، قارشىلىق كۆرسەتكەن گومىنداڭ قىسىملىرىنى، ئوسمان ئىسلام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى پارتىزانلىرىنى ۋە يەرلىك مىللەتسۆيەر ئەربابلارنى تازىلاشقا كىرىشتى. ۋاڭ جېن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئازابلىق - ئېچىنىشلىق ۋاستىلارنى قوللاندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق يەرلىك خەلقنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە بىڭتۇەن ئارقىلىق يەر ئىگىلەش

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'شىنجاڭ' دەپ ئاتالغان بۇجايدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇۋالغاندىن كېيىنلا، 1955 ‏ - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەربىي قىسىملار بىلەن يەر ئىگىلەش، يەرلىك خەلقنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدا ئاپتونوم رايون قۇرغان بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ، خىتايلارنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇردى. شىنجاڭ دېگەن بۇ جاينى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە مۇقىم قىلىش ئۈچۈن بىڭتۇەنگە تاياندى.

مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قوراللىق ئۇرۇشنى بىڭتۇەن باشلىدى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى' دېگەن ھەرىكەتتە شىنجاڭ 'ئىچكى ئۇرۇش' ئىچىدە قالدى. بىرىنچى پاي ئوق 1967‏ - يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنى بىڭتۇەننىڭ تاڭ سايدىكى ئاپتوموبىل روتىسىدا ئېتىلىپ باشلانغان بۇ ئۇرۇشتا كوممۇنىست ھوقۇقدارلىرى قوللاۋاتقان ھەربىي قىسىم غەلىبە قىلدى. كوممۇنىست قىسىملىرى ھوقۇقنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا قوراللىق توقۇنۇش تېخىمۇ ئەۋج ئالدى، ھەتتا مىللەتلەر ئارا قوراللىق توقۇنۇش پەيدا بولدى.

'ئىشىكنى ئېچىۋېتىش - ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش' باشلانغاندا،شىنجاڭدا قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا 'ئىشىنى ئېچىۋېتىش - ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش' باشلانغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە شىنجاڭدا چېكىدىن ئاشقان 'سول' سىياسەت يۈزگۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي رەھبىرى خۇ ياۋباڭنى 'بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈش' يولغا قويدى دەپ ئەيىبلەش ئارقىلىق، شىنجاڭدا قايتىدىن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11 ‏ - سېنتەبىر دىن كېيىن 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالدى

2001 ‏ - يىلىدىكى 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بۇ جايدىكى يەرلىك خەلقنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇردى، ھەتتا قارا قولىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ سۇندى. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى ھازىرغا قەدەر توختاپ قالغىنى يوق.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتىن جەنۇبىي ئاسىياغىچە بولغان بۇ رايون خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىلىقلار ئۆز - ئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 'شىنجاڭ' دېگەن بۇ جاينىڭ خىتاينى تەرەققى قىلدۇرۇشتا كام بولسا بولمايدىغان رولىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈندىلىك خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە قويدى.

خىتاينىڭ شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئىستراتېگىيىسى

شىنجاڭنىڭ ھازىرقى كوممۇنىست ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە زاپىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 40% نى تەشكىل قىلىدىغان شىنجاڭنى خىتاينىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى قىلىش ۋە شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قازاقىستاندا نېفىت ئېقىتىش تۇرۇبىسى قۇرۇپ، غەربنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنى شەرققە بىۋاستە ئېقىتىپ كېلىشكە باشلىدى.

لوپنور كۆلى رايونىدا ئاتوم سىناق قىلىپ مۇھىتنى بۇلغىدى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇنىڭدىن باشقا يەنە، لوپنور كۆلى رايونىدا ئاتوم قوراللىرىنى سىناق قىلىدىغان بازا قۇرۇپ 1966 ‏ - يىلىدىن باشلاپ 45 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن خىتايغا تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى بۇلغاپ، يەرلىك خەلقنى تۈگىمەس خەتەرگە يۈزلەندۈردى.

خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل تۆھمەت چاپلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇجاينىڭ ئەسلى خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى توختىماي كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ھازىر خىتاي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.