1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 'شىنجاڭ' (4)

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەيۋەن خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يازغان " 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن ئىخچام كىتابىنىڭ ئۈچىنچى بابىنى، يەنى 'خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى' دېگەن بابىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ.

0:00 / 0:00

"كوممۇنىست خىتاي شىنجاڭنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، بىر تۇرۇپ يۇمشاق، بىر تۇرۇپ قاتتىق مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قوللۇق ھۆكۈمرانلىق ۋاستىسى قوللىنىپ كەلمەكتە."

ئىككىنچى باب: خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى

لىن باۋخۇ ئەپەندى كىتابىنىڭ 'خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى' دېگەن بابىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇمشاق ۋاستىسى - - - ئاپتونوم رايون قۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە 'ئاپتونوم رايون' ئارقىلىق خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش بىلەن ئۇلارنى باستۇرۇشنى تەڭلا يولغا قويۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسى كۈچى بىڭتۇەن.

پروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بۇ بابنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى دېگەن بىرىنچى ماۋزۇسىدىكى مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق، تۆۋەندىكىسى بۇ بابنىڭ ئىككىنچى ماۋزۇسى:

ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۇەن)

لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۇەن)نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بىريىل بۇرۇن، يەنى 1954 ‏ - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇپ چىقتى. دەسلەپتە ئۇنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا قارايدۇ، دەپ ئېلان قىلغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا شىنجاڭ قالايمىقانلىشىپ، بىڭتۇەن گۇمران بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكى ئۈچۈن 1975 ‏ - يىلى تارقىتىۋېتىلىپ ئاپتونوم رايونغا قوشۇۋەتتى.

1981 ‏ - يىلى ۋاڭ جېننىڭ كۈچىشى بىلەن قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە قارايدىغان ئورگان قىلىندى. بۇ ھازىر خىتايدا پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، شىركەت بىرلەشتۈرۈلگەن، سىياسىي - قانۇن، دېھقانچىلىق، سودا قاتارلىق ھەممە تارماقلىرى تولۇق بولغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پەۋقۇلئاددە ئورگان.

185 پولك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى بوشلۇقلارغا قىسىلىپ كىرىپ جايلىشىۋالغان

لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇيىچە يەر ئىگىلەيدىغان ئەڭ چوڭ ئارمىيە - بىڭتۇەننىڭ 11 دېۋىزىيىسى بار، ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى 185 پولك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممىلا يېرىدىكى بوشلۇقلارغا قىسىلىپ كىرىپ جايلىشىۋالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، بىڭتۇەننىڭ بايلىقلارنى قېدىرىش، پىلانلاش، تۆمۈر يول، تاش يول، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق ھەر قانداق قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بار.

2003 ‏ - يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى 2 مىليون 480 مىڭ، مۇتلەق كوپ سانلىقى خىتاي. بىڭتۇەن ھازىر خىتاينىڭ ناھايىتى مۇھىم تاۋار بازىسى.

مىللىي ئاپتونومىيىگە تاقابىل تۇرىدىغان خىتاي ئورگىنى

لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جۇڭگو' دەپ ئاتىلىدىغان بۇ بىڭتۇەننىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردە توپ سېتىش، پارچە سېتىش تارماقلىرى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ خەلقئارادىمۇ 66 دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي - سودا مۇناسىۋىتى ۋە 34 خىل چوڭ تۈر بۇيىچە 100 خىلدىن ئارتۇق تاۋارنى ئېكسپورت قىلىدىغان 170 نەچچە بازىسى بار. بۇ بىڭتۇەن ئۆزىنى ھازىر موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش دەپ ئاتايدۇ. ئۇ خالىغان ۋاقىتتا قوراللىنالايدۇ، مەخسۇس مىللىي ئاپتونومىيىگە تاقابىل تۇرىدىغان بۇنداق خىتاي ئورگىنى - - بىڭتۇەن دەيدىغان شەكىل دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يوق.

لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىڭتۇەننى شىنجاڭنى تىنجىتىدىغان مۇھىم كۈچ دەپ ئاشكارا جاكارلاپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتىمۇ 50 يىلدىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ ھەربىي قىسىملىرى، ساقچىلىرى، پۇقرالىرى بىرلىشىپ 'ئىچكى ۋە تاشقى بۆلگۈنچىلەر' دەپ ئاتىلىدىغان تەسەۋۋۇردىكى دۈشمىنىگە زەربە بېرىش بىلەن مەشغۇل.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى بىڭتۇەنگە كەلسە قۇرۇق تەشۋىقنى ئەمەس، نەق پۇل كۆتۈرۈپ كېلىدۇ

لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىڭتۇەن ئەمەلىيەتتە، خۇددى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك 'ئۇيۇلتاشتەك' مۇقىم گەۋدە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي شۇئار بىلەن تەربىيىلەپ بىڭتۇەنگە ئەۋەتكەن خىتاي ياشلىرى كېيىن ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭدىن 200 مىڭ ئادەم 2005‏ - يىلى ئاقسۇ ئايرودرومىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ توپىلاڭ كۆتۈرگەندە، 7 ئادەم ئۆلۈپ 220 ئادەم يارىلانغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ توپىلاڭنى مىلياردلاپ پۇل بېرىپ تىنجىتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتسە قۇرۇق تەشۋىقات ئەمەس، مىلياردلاپ نەق پۇل كۆتۈرۈپ بارىدۇ، ھازىرمۇ بىڭتۇەننى 'پۇل ' بىلەن 'مۇقىم' قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنگە ئەۋەتكەن خىتايلارغا 10يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن گېپىدىن يېنىۋالدى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى شىنجاڭدا داۋاملىق تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پۇل تەڭلەپلا تۇرىدۇ.

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئاز

لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانسېرى، 'سۇخەنچى ئۆلىمالار' خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىڭتۇەننى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك دەپ مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ.

لېكىن بىڭتۇەن بىلەن بۇ جايدا ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا ئاللىقاچان پەيدا بولغان مىللىي، سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت زىددىيەتلىرىنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئاز. بۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.