1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 'شىنجاڭ' (7)

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەيۋەن خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يازغان " 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن كىتابىنىڭ تۆتىنچى بابىدا، نەق پاكىتلارغا ئاساسەن 'شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى' ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

تۆتىنچى باب: شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى

لىن باۋخۇا ئەپەندى كىتابىنىڭ بۇ بابىدا 'شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى' ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاللىقاچان جەڭ ئېلان قىلىپ بولدى، ھازىر ياش ئەۋلادلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ئەمدى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، بەرپا قىلىمەن دەۋاتقىنى 'ئىناق جەمئىيەت' ئەمەس، بەلكى قان ئاققۇزىدىغان جەمئىيەت بولۇپ قالىدۇ.

'دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا' دېگەن كىتاب بۇيىچە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەت

- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ياساپ چىققان 'مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا' دېگەن تۇتېمنى تىكلەش شىنجاڭدا ھەممىنى بېسىپ چۈشتى، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى " 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن كىتابىنىڭ 'شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى' دېگەن بابىدا، - ۋاڭ لېچۈەننىڭ ' دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا' دېگەن كىتابىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەننى باھانە قىلىپ، ئەمەلىيەتتە 'مۇقىملىق' دېگەن مەسىلە سۆزلەنگەن. 'مۇقىملىق' دېگەندە 'تۆت مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنچىسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مەسىلە دەپ تەكىتلەنگەن؛ ئىككىنچىسىدە گەرچە دىنىي مەسىلە ۋە مىللىي مەسىلىدىن ئىبارەت خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت مەسىلىسى دەپ تېما قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تېمىنى تېزلا يىغىشتۇرۇپ قويغان؛ قالغان ئۈچ مەسىلىدە يەنىلا دىنىي مەسىلە، مىللىي مەسىلە دائىرىسىگە كىرىدىغان ھەر خىل تېمىلار سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن.

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۈرمەت قىلمايدىغان بۇنداق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگەرمىسە، شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جايدا 'مۇقىملىق' بولۇشتىن ئۈمىد يوق. خىتايلارنى باشقا مىللەتلەرنىڭ يۇرتىغا كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغان بۇنداق ئۇسۇل، ئەمەلىيەتتە مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان ئۇسۇل.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ'دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا' دېگىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ'دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا' دېگىنى، ئەمەلىيەتتە بىر چوڭ ئالدامچىلىق. بۇ ئالدامچىلىقنىڭ پاكىتى 'مالىيە گېزىتى' نىڭ 2007‏ - يىلىدىكى بىر سانىدا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشقان پاي بىلەن قۇرۇلغان ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى شىركىتى ‏ - ‏ 'لۇنېڭ' شىركىتى بىر يىلدىن كېيىنلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىكتىن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەتكە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈچ مىليارد يەتتە يۈز ئوتتۇز مىليون يۈەن مەبلىغىنىڭ %91 ى شەخسىيلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكى بولۇپ قالغان.

بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنلىرى زېڭ چىڭخۇڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ لېچۈەن ئىدى. بۇ ئۇچۇر ئاشكارىلانغان ھامان، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇنى گېزىتلاردا خەۋەر قىلىشنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ۋاڭ لېچۇەنلەرنىڭ 'دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا' دېگىنى، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ دېگەن بۇجاينى بۇلاش، تالان - تاراج قىلىشتىن ئىبارەت.

شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى

- مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى 'شىنجاڭ خاتىرىسى' دېگەن كىتابىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىنى 'شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي خەۋپ بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتتىن كېلىدۇ' دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، - خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلار خىتاينى بۆلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، خىتايلاردا ھەم دىنىي ئېتىقاد دېگەن نەرسىمۇ يوق. دېمەك، مۇشۇ سىياسەت بۇيىچە، مىللىي بۆلگۈنچىلەر دېگەنمۇ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت قىلغۇچىلار دېگەنمۇ، ھېچقايسىسى خىتايلار ئەمەس، بۇ سىياسەت بۇيىچە، پەقەت ئۇيغۇرلارلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن خىتايلارغا تايىنىۋاتىدۇ.

شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئاساسىي خەۋپ - يەرلىك خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىك

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايلار شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدىكى يەرلىك مىللەتنى زەربە بېرىش نىشانى قىلدى. يەرلىك مىللەتلەرنى دۈشمەن دېگەن سەپكە ئۆتكۈزۈپ قويدى. مانا بۇ شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدا ساقلىنىۋاتقان ئاساسىي خەۋپ.