شۇنداقلا، - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، - ھازىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدا داۋاملىشىۋاتقان خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىگە بولغان پوزىتسىيىسىمۇ ئىنتايىن قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى لو گەن شىنجاڭ مەسىلىسىگە مەسئۇل بولۇپ تۇرغان ئىدى، لو گەن ئارامغا چىققاندىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرى يەنىلا ئۆزگەرمىگەچكە.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەگەر يەنىلا ئەركىنلىكنى ۋە دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشنى، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلسا، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا، دىنىي ئېتىقادىغا ھۈرمەت قىلمىسا، خىتاينىڭ تىبەتلەرگە 'مىھىر - شەپقەت قىلىش' دېگەن ئالدامچىلىق سىياسىتى يەنىلا داۋاملىشىۋېرىدۇ. 'شىنجاڭ مەسىلىسى' دېگەن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىنمۇ ئۈمىد يوق. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خۇ جىنتاۋنىڭ 'ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش' دەۋاتقىنى قۇرۇق گەپ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قۇرۇپ چىقىدىغىنى 'قان تۆكۈلىدىغان جەمئىيەت' بولۇپ چىقىدۇ.
لىن باۋخۇا ئەپەندى كىتابىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنىڭ خاراكتېرىنى خۇلاسىلاپ مۇنداق دەيدۇ: خىتايلار ھازىر شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدىكى يەرلىك مىللەتنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى قىلىۋالدى. مانا بۇ شىنجاڭ دېگەن جايدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئاساسىي خەۋپ.
لىن باۋخۇا ئەپەندى " 1949 - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن كىتابىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت. ئەمدى بىز تۆۋەندە لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارنىڭ مۇھىم نوقتىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتەيلى:
لىن باۋخۇا ئەپەندى " 1949 - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن بۇ كىتابىدا، ئالدى بىلەن شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاينىڭ تارىخى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ، يەنى يېڭى چېگرا دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جاينىڭ نامىدىكى 'يېڭى 'دېگەن سۆز نىڭ ئۆزى بۇ جاينىڭ قەدىمدىن بۇيان خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شىنجاڭنىڭ تارىخى خىتاي تاجاۋۇز قىلغان تارىخ، شۇنداقلا، بۇ ئەلدىكى يەرلىك خەلق خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان تارىخ.
لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ كىتابىدا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جاينى نېمە ئۈچۈن تېخىچە ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جايدا ناھايىتى مول تەبىئىي بايلىقلار ساقلىنىپ تۇرغاچقا، بۇ جاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى خىتاي ئۈچۈن قولدىن كەتسە بولمايدىغان مۇھىم جاي بولغاچقا، خىتاي بۇ جاينى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى، خەلقئارادىن ئېنېرگىيە ئەكىلىدىغان يولى ۋە ئاتوم قوراللىرى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ.
لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ كىتابىدا، كوممۇنىست خىتاينىڭ شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جايغا قاراتقان ھۆكۈمرانلىق ۋاستىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ شىنجاڭ دېگەن بۇ جايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىسى 'ئاپتونوم رايون' قۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە خىتاي بۇ جايدىكى يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلماقچى ۋە ئۇلارنى باستۇرماقچى. ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئۈچۈن خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۆكتۈرمەكچى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بىڭتۇەننى يەرلىك خەلقنى باستۇرىدىغان 'تۆمۈر مۇش' يەنى ئاساسى كۈچى قىلىۋالدى.
لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ كىتابىدا، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى مەسىلە ۋە شىنجاڭ دېگەن بۇ جاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى توختىماي داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا بولسا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاللىقاچان جەڭ ئېلان قىلىپ بولدى، ئۇلار ھازىر ياش ئەۋلادلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلمىسا، قۇرىمەن دەۋاتقىنى 'ئىناق جەمئىيەت' ئەمەس، بەلكى قان ئاققۇزىدىغان جەمئىيەت بولۇپ چىقىدۇ.
0:00 / 0:00