خىتاي دۇنياغا قاچان ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؟

خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتىن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، دۇنيادا خىتاي ھەققىدىكى ئەندىشىلەرمۇ كۆپەيدى. ئۇ ياپونىيىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتلىك ئورنىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادى دۆلەتلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ساقچىسىلىق ئورنىنى تارتىپ ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىپ توقۇنۇشۇشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش تالاش -تارتىشلار ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن كىتابلار، ماقالىلەر يېزىلدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا كارنېگىې خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوگلاس پائالنىڭ "خىتاي دۇنياغا قاچان ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ" ناملىق ماقالىسى بۇلاردىن بىرى. دوگلاس پائال بۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ۋە قىلالماسلىقىدىن ئىبارەت بۇ قىزىق تېمىدا، ئەنئەنىۋى پىكىر قىلىش ئەندىزىسى بويىچە ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى 3 خىل مۇناسىۋەت ۋە ئۇچ خىل توقۇنۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى دەككە-دۈككە ۋە ئەندىشىلىرىگە تەسەللى بېرىدۇ. دوگلاس پائال ماقالىسىدە: "ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە جامائەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار، ھۆكۈمرانلار بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى رىقابەتچىلەر ۋە دۆلەت كاپىتالىزمى بىلەن بازار ئىگىلىكى كاپىتالىزمى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردىن ئىبارەت، بۇ ئۈچ نۇقتىغا ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە،دېموكراتىيىگە يات بولغان مېتود- ئۇسۇللارغا ۋە ساقچىلارنىڭ قاتتىق قوللۇق ھەرىكەتلىرىگە مەركەزلەشمەكتە. بىز ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بىلەن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسەك، مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيمىز، دەپ يازىدۇ.

ھۆكۈمرانلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

ئاپتور ماقالىسىدە ئۆتكەنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە، خىتاينىڭ ئومۇمى مەنپەئەتلىرى مەسىلىلىرىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن خىتايدىكى ھەرخىل مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدا، ئۆز ‏- ئارا سۈلھى ۋە يارىشىشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى يەنە شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە بولغان تەلەپنىڭ ئېشىشى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى بەزى ئىمكانىيەتلەر بىلەن، ئەسكەرلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ئوفېسرلار، ئاكادېمىكلار، سىياسەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە توربەت ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرىگە قارىتا دولا چىقىرىشقا باشلىغانلىقى، ئامېرىكا، ياپونىيە، خەلقئارالىق بازار ۋە باشقا مەسىلىلەردە دائىرىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇش ھەققىدە تار يەرگە قىستاۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ: بۇ خىل تەلەپلەرگە جاۋابەن، خىتاي ھۆكۈمەت باياناتچىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال-ياراق سېتىپ بېرىشى، ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى، ئامېرىكىنىڭ سېرىق دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا كورىيىلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە بارغانسېرى قاتتىقلىشىشقا باشلىدى. باياناتچىلارنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى بۇ خىل يۈزلىنىش، ھاكىمىيەتنىڭ تۈزۈلمىسىدىن كەلگەن بېسىم بىلەن ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،دەپ يازىدۇ.
ئۇ ماقالىسىدە،خەلقئارا دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدا،خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى مەسىلىلىرىدە " قاتتىق پوزىتسىيە"دە ئەمەس، بەلكى سىلىق ۋە يۇمشاق بولغان "ئاقىلانە پوزىتسىيە" تۇتىدىغانلىقى،دۆلەت ئىچىدىكى جامائەت پىكرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ "جىددىي مەيدانى"نى كۆرسىتىشكە، ئىككى يۈزلۈك سىياسەت يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، بۇ خىل "قاتتىق" ۋە "يۇمشاق" پوزىتسىيىلەرنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئۆز كۈچىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

كومپارتىيە رەھبەرلىرى ئىچىدىكى سىياسىي سەرخىللار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

ئۇ ماقالىسىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى يېقىنلىشىشى بىلەن كومپارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھوقۇق تالىشىش كۆرۈشىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلەشكەنلىكىنى، بۇ يىل چاقىرىلىدىغان بۇ قۇرۇلتايدا،يېڭى بىر سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، 70% دىن كۆپرەك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئورنىغا يېڭى ئەمەلدارلارنىڭ سەپلىنىدىغانلىقىنى، بۇ خىل زور كۆلەمدىكى ھوقۇقدارلار ئالمىشىشىدىن كېلىپ چىققان بېسىمغا ھەرقانداق بىر سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئاسانلىقچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە يەنە، 1مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ ئىچىدە 60 مىليون ئادەمنىڭ ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى، ئەمەلدارلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسىي دەسمايىسىنى تارازىغا سېلىشتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر قايىل قىلارلىق ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش مىزانىنى تۈزۈپ چىقالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى بۇ خىل مەسىلە بەزى دۆلەتلەردىمۇ ساقلانغان بولسىمۇ، لېكىن بىرقانچە كىشىنىڭ مىلياردتىن كۆپ ئادەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خىل سىياسىي سىستېمىنىڭ دۇنيادا جورىسى يوق ئىكەنلىكىنى بولۇپمۇ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ھاكىمىيەت بىلەن ئۇنىڭ ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ‏- ئارا تەڭپۇڭلۇقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

دۆلەت كاپىتالىزمى بىلەن بازار ئىگىلىكى كاپىتالىزمى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

دوگلاس پائال "خىتاي دۇنياغا قاچان ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ" ناملىق بۇ ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن"دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن تەرەققىيات ئەندىزىسى"دەپ قارالغان دىكتاتورىلىق بىلەن دۆلەت كاپىتالىزمىنىڭ نىكاسى ياكى جۈپلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن خىتايغا خاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىنى دېموكراتىيە مۇھىتىدىكى بازار ئىگىلىكى كاپىتالىزمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش تەشەببۇسلىرىنىڭ بۈگۈنكى دۇنياۋى ئىقتىسادىي بوھران شارائىتىدىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە خىتايغا خاس بولغان تۆۋەن تەننەرختە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ پەقەت خىتاينىڭ تاشقى ئېكسپورتىنى قوغداش ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقى، ياپونىيىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلنى ئەينى زامانلاردا سىناق قىلىپ مەغلۇپ بولغانلىقى، بۇ خىل ئەندىزىنىڭ خىتاينىڭ سودىدا ئەڭ مەنپەتدار دۆلەتلىك ئورنىغا پايدىسىزلىقى ۋە ئۇنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن تەھدىت بولىدىغانلىقى، ئەگەر خىتايدا بىر ئىجتىمائىي داۋالغۇش يۈز بەرسە، ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمە بىلەن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى يازىدۇ.

ئامېرىكا كارنېگىې خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوگلاس پائال، "خىتاي بۈگۈن-ئەتە ئىچىدە قوشنىلىرى ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ ھەرخىل يېڭى تەھدىتلىرىگە شۇنداقلا، ئىقتىسادنى زۆرۈر بولغان يولغا چۈشۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان كەلگۈسى ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا بىز خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ‏- باسمايدىغانلىقى ياكى ئۇنىڭ بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى مۇنازىرە قىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۇ دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلارنى قانداق قىلغاندا، خەلقئارانىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ دېگەنلەرگە باش قاتۇرۇشىمىز كېرەك."دەپ ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.