خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بولۇۋاتقان ھوقۇق كۈرەشلىرى (1)

چەتئەللەردە خىتايچە چىقىدىغان 'بوشۈن'، 'خىتايغا نەزەر'، 'دوۋېي' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بولۇۋاتقان ھوقۇق كۈرەشلىرىنى ئاشكارىلايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھازىر بولۇۋاتقان ھوقۇق كۈرەشلىرى، ئوخشىمىغان سىياسىي مەزھەپلەر 2012 ‏ - يىلى ئېچىلىدىغان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 18‏ - قۇرۇلتىيىدا ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەييارلىق ۋە كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى.

'بوشۈن تور گېزىتى ' دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ھوقۇق كۈرەشلىرى 1989‏ - يىلىدىكى 4‏ - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنلا باشلانغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ بىلەن چېن يۈن قاتارلىق سىياسىي قاتماللار ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇرەسسە ئارقىلىق، جاڭ زېمىن ئىز باسارلىققا بەلگىلەنگەندىن كېيىن، مەلۇم بىر 'دانىشمەن' جاڭ زېمىنغا 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسى' دېگەن قۇرۇق گەپنى تەقدىم قىلغان. جاڭ زېمىن بۇ 'ئەڭگۈشتەر' گە ئېرىشكەندىن كېيىن، خۇددى ماۋ زېدۇڭ يەنئەندە 'ئۈچنى سۆزلەش تەربىيىسى' دېگەن نام بىلەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاننى تەقلىد قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ 'مۇھىم ئىدىيە'سىنى خەلققە تېڭىشقا باشلىغان.

جاڭ زېمىننىڭ باش مەسلىھەتچىسى زېڭ چىڭخۇڭ 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش' دېگەن بۇ جاڭ زېمىننىڭ 'مۇھىم ئىدىيە'سىنى پۈتۈن ئەمەلدارغا ئېتىراپ قىلغۇزۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى ئەمەلدارلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى تەكشۈرۈپ تىزىمغا ئالغۇزۇپ، قاچان خالىسا ئۇلارنى جازالاشقا بولىدىغان بۇ 'پاكىتلار' غا ئاساسەن، ئەمەلدارلارغا بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، جاڭ زېمىننىڭ 'مۇھىم ئىدىيىسى' گە بولغان ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى يوق قىلغان.

'بوشۈن تور گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتە، جاڭ زېمىن 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش' دېگەن قۇرۇق گەپنى ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى دېگەنلەرنىڭ قاتارىغا قويۇش ئۈچۈن ئۆزى جاكارلىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭغا 'مۇھىم ئىدىيە ' دېگەن سۈپەتنامنى قوشقانلىقى، ئەمەلدارلارنى ۋە خەلقنى بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇچىغا چىققان بىلىمسىز، ھاماقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى.

جاڭ زېمىن 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش' دېگەن قۇرۇق گەپنى تەشۋىق قىلىۋېرىپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغاندىن كېيىن، 2007‏ - يىلى چەتئەللەردە جاۋ مىڭ دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش' دېگەننى مەركىزى كومىتېتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ خوڭكوڭدىكى نەن سىگو دېگەن مۇنەججىمدىن تەلىم ئېلىپ ئىجات قىلغانلىقىنى، بۇ 'ئىجادىيەت' دەل تارىختا ئۆتكەن سۈن توڭئا دېگەن سۈيىقەستچىنىڭ چىڭ سىخۇاڭغا 'ئەل تۇتۇش چارىسى' تەقدىم قىلىش ئارقىلىق، چىڭ شىخۇاڭنى يوقاتقان ئەندىزە بۇيىچە لايىھىلەپ چىقىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، جاڭ زېمىن ئاندىن ئۆزىنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى، يەنى خۇ جىنتاۋنىڭ 2001 ‏ - يىلى 7‏ - ئايدا 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسى' دېگەن قۇرۇق گەپنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشىنى قىزغىن تەۋسىيە قىلغانلىقى بىر خەتەرلىك سۈيىقەست ئىكەنلىكىنى سەزگەن.

'بوشۈن تور گېزىتى ' دە بايان قىلىنىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ 1989‏ - يىلىدىكى 4‏ - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن جاڭ زېمىننى ئۈچىنچى ئەۋلاد يادرو، خۇ جىنتاۋنى 4‏ - ئەۋلاد يادرو دەپ بېكىتكەندىلا، خۇ جىنتاۋ، خىتايدىن چىقىپ كېتىپ ئامېرىكىدا تۇرغان، كېيىن خوڭكوڭدا تۇرۇپ قالغان نەن خۇەيجىن دېگەن مۇنەججىمنى ئۆزىگە ئۇستاز قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا نەن سىگو دېگەن مۇنەججىم جاڭ زېمىننىڭ باش مەسلىھەتچىسى زېڭ چىڭخۇڭنىمۇ شاگىرتلىققا ئالغان ئىدى.

'بوشۈن تور گېزىتى ' دە بايان قىلىنىشىچە، ‏ - خىتايدا ھوقۇق تۇتقان ھوكۈمرانلاردىن مۇنەججىملەرنىڭ 'دانىشمەنگە تايانغان خان بولىدۇ، دوستىغا تايانغان زومىگەر بولىدۇ، يالاقچىغا تايانغان گۇمران بولىدۇ' دېگەن گېپىنى ئەستە تۇتۇپ، كەلگۈسىدىكى سوراقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىز باسار تەييارلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگىنى يوق، ھازىرمۇ شۇنداق. بەلكى 18‏ - قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھەر خىل مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق كۈرەشلىرى شۇنچە جىددىيلىشىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.