دېڭ شاۋپىڭ 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدا نامايىش قىلىۋاتقان خەلقنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىنلا، باش سېكرېتار جاۋ زىياڭنى نەزەربەنتكە ئېلىپ، خۇ جىنتاۋنى تىبەتنىڭ ھاۋاسىغا ماسلىشالمىدى، بۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭدا تۇرۇپ تىبەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دەپ جاكارلىغان.
خۇ جىنتاۋ تەيۋەن، تىبەت، شىنجاڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، 4 - ئەۋلاد ئىز باسارلىققا بەلگىلىنىپ ، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىغا كىرگەن ۋە جاڭ زېمىننىڭ مۇئاۋىنى بولغاندىن كېيىن، چېن يۈن، لى شيەننيەنلەرنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جاڭ زېمىننى كۆزىتىشكە، شۇنداقلا مەركىزى پارتىيە مەكتەپ مۇدىرىلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان.
جاڭ زېمىنگە 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش' ، خۇ جىنتاۋغا 'ئىلمىي تەرەققىيات نەزىرى' دېگەن چارە تەقدىم قىلىنغان
'بوشۈن تور گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، مەركىزى كومىتېت ئىشخانا مۇدىرى، ئەمەلىيەتتە خۇ جىنتاۋنىڭ ياردەمچىسى ۋاڭ خۇنىڭ خوڭكوڭدىكى پالچى نەن خۇەيجىن ئارقىلىق، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان ۋە ئەل تۇتۇش تەجرىبىسى بولمىغان جاڭ زېمىن ئۈچۈن، پىشقەدەملەرگە 'ۋەكىللىك' قىلىپ ئەل تۇتۇش چارىسىنى ئىجات قىلىپ بەرگەندە، خۇ جىنتاۋ ئۈچۈنمۇ، جاڭ زېمىننىڭ پۈتۈن نەتىجىسىنى ئىگىلىۋالالايدىغان 'ئىلمىي تەرەققىيات نەزىرى' دېگەن چارىنى ئىجات قىلىپ بەرگەن.
شۇ يىللاردا خۇ جىنتاۋ ئۆزىمۇ، 1945 - يىلىدىن باشلاپ تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان، سىچۇەن، شىكاڭ، يۈننەن، تىبەتلەردە راھىپ بولۇپ يۈرۈپ 1949 - يىلىدىن كېيىن خوڭكوڭدا پالچى بولۇۋالغان نەن خۇەيجىن دېگەن مۇنەججىمدىن، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا چوڭ خىتايچىلىقنى يۈرگۈزۈپ ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تەپسىلىي مەسلىھەت ئېلىپ تۇرغان.
خۇ جىنتاۋنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى 'دوۋېي ئاگېنتلىقى' نى سېتىۋېلىشى
'بوشۈن تور گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ 2002 - يىلى خىتايدا ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، تېخىچە مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنى تاپشۇرمىغان جاڭ زېمىندىن ھەربىي ھوقۇقنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى 'دوۋېي ئاگېنتلىقى' دېگەن خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىسىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' بىلەن، بولۇپمۇ جاڭ زېمىنگە پايدىسىز ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان. جاڭ زېمىننىڭ خىتايدا تۇرۇپ چەتئەللەرگە 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇرغان ' جىنايەتچىنى جازالاش تەلىپى ھەرگىز ھەل بولمىغان.
جاڭ زېمىننى رەت قىلىش ئۈچۈن گۇاڭدۇڭدا ئېلىپ بېرىلغان ۋاڭ ياڭ 'ئىدىيە ئازاد قىلىش' دېگەن ھەرىكىتى
2007 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ ياڭ 'ئىدىيە ئازاد قىلىش' دېگەن نام بىلەن جاڭ زېمىننىڭ 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسى'نى رەت قىلىش چاقىرىقى چىقارغان. ئۇ جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، خۇ جىنتاۋ گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، مەركىزى كومىتېتنىڭ سىياسىي بيۇروسىدىكى جاڭ زېمىننى ھېمايە قىلىدىغان جۇ يۇڭكاڭغا بېسىم ئىشلەتكەن.
'تۇغما كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى'نىڭ ئۆزىگە سىياسىي كاپىتال توپلىشى
'بوشۈن تور گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تارىخىدا ئۆتكەن ھۆكۈمرانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراقلاردىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىز باسار تەييارلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگىنى يوق، ھازىرمۇ شۇنداق. بەلكى ھازىر قايتىدىن ھوقۇق تەخسىىملىشىدىغان 18 - قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپلەرنىڭ ئۆزىگە سىياسىي كاپىتال توپلاش ھەرىكەتلىرى شۇنچە جىددىي بولۇۋاتىدۇ.
خىتايدا 'تۇغما كوممۇنىست ئەمەلدارى' دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار. بۇلاردىن بو شىلەي سىچۇەندە 'خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى جازالاش' دېگەن نام بىلەن كەڭ دائىرىلىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، يات گۇرۇھلارنى تازىلاپ، ئۆزىگە سىياسىي كاپىتال توپلاۋاتىدۇ. 'تۇغما كوممۇنىست ئەمەلدارى' شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى دېگەن نام بىلەن ئۆزىگە سىياسىي كاپىتال توپلاۋاتىدۇ. دېڭ شاۋپىڭنىڭ چوڭ قىزى دېڭ نەنمۇ مەركىزى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەخپىي سېكرېتارى، ئۇ، خۇ جىنتاۋغا ئەمەلدار تاللاپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە سىياسىي كاپىتال توپلاۋاتىدۇ. يېقىندا يەنە، شىنجاڭدا سېكرېتار ئالماشتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان گۇرۇھلار 18 - قۇرۇلتايدا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق تەخسىملىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر.
خۇ جىنتاۋنىڭ چەتئەللەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇشىمۇ پالچىنىڭ پىلانى
'بوشۈن تور گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، دۆلەت ئىچىدە خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكىنى يۈرگۈزۈپ، دىننى ۋە مىللىيەتنى ئوچۇق - ئاشكارا باستىۇرۇۋاتقان خۇ جىنتاۋ، چەتئەللەردە بولسا كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ، كۇڭزى توغرىسىدا تەييارلىغان كىنو - فىلىملەرنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنغا ھۈرمەت قىلىدۇ دېگەن يالغانچىلىقنى بازارغا سېلىشنىمۇ، خوڭكوڭدىكى پالچىنىڭ تەلىمى بۇيىچە قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.