فىلىمنىڭ مەزمۇنى
قورال كۈچىگە تايانغان زوراۋانلىق " قۇدرەت تېپىش باسقۇچىدىكى ۋاقىتلىق گۈللىنىش ۋە ساقچى كونتىرولى" ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەن ئازابلىق تارىخى كۆرسىتىلىپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن تۈرلۈك قانلىق ۋەقەلەرمۇ قىستۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەربىي ۋە ساقچى كۈچىگە تايىنىپ كونترول قىلىۋاتقانلىقى، ئۆز مۇستەملىكىسىدىكى بۇ رايوننى قورال كۈچىگە تايىنىپ ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. 8 - ئىيۇل ۋە 9 - ئىيۇل كۈنلىرى ئۈرۈمچى ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بۇ فىلىمدا، خىتايدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنىڭ ئەڭ زور غەزىنىسى بولغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ، ئەكسىچە نامراتلىق ۋە بىچارىلىق تەقدىرىگە مەھكۇم قىلىنىپلا قالماي، خالىغانچە باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلار مەڭگۈ سۈكۈت قىلالمايدۇ
خاينېر ۋېمبېر ۋە تىلمان ۋۆرتىز قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بۇ بىر سائەتلىك فىلىمدا يەنە، 1997 - يىلى يۈز بەرگەن "5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" بايان قىلىنغان. بۇ ۋەقەدە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، قانچە مىڭلىغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تىلى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ۋەقە جەريانىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەر سۆزلەنگەن.
فىلىمدا، خىتاينىڭ بۈگۈنكى گۈللىنىشىنىڭ ئۆتكۈنچى ھادىسە ئىكەنلىكى، ئارمىيە ۋە ساقچىنىڭ مۇتلەق زوراۋانلىقىغا تايىنىپ ئىدارە قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئېشىۋاتقان بۇ تەرەققىياتنىڭ ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقى، بولۇپمۇ بايلىقلىرى تالان - تاراج قىلىنىپ، ئىسيانكارلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىۋاتقان ۋە ھەقسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ سۈكۈت قىلىپ ياشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى كۈچەيمەكتە
فىلىمدا يەنە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى خىتاي دۈشمەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن جانلىق ۋە كۆپ ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتقانلىقى، مىڭلارچە كىشى تۈرمىلەرگە بەنت قىلىنىپ، يەنە مىڭلارچە كىشى ئۆلتۈرۈلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قارشىلىقلارنىڭ يىلدىن - يىلغا كۈچىيىپ، بېيجىڭنى پاراكەندە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قانلىق باستۇرۇش ۋە مۇستەبىتلەرچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمى كەڭ، تۈرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مەتبۇئات ۋە خەلقلەرنىڭ دىققىتىنى تىبەتلىكلەردەك تارتالمايۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەبنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان خەلق بولغانلىقى، 11 - سېنتەبىردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى بۆھتان بىلەن قارىلىنىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان.
"كۈچلۈكلەر ئاخىرى ئاجىزلار قولىدا ھالاك بولىدۇ "
" ئۈزلۈكسىز ئۆلۈۋاتقان، ئۆلتۈرۈلىۋاتقان، مىڭلاپ تۇرمىلارغا قامىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن تىبەتلىكلەر كەبى دۇنيانىڭ دىققەت - ئېتىبارىغا ئېرىشەلمەيدۇ؟ ئۇلار خىرستىئان بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ بۇددىست بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟" دەپ نىدا قىلغان ئىدى، ئالدىنقى ھەپتە بىر گېرمان زىيالىسى ئۆز ئەسىرىدە. " قۇدرەت تېپىش باسقۇچىدىكى ۋاقىتلىق گۈللىنىش ۋە ساقچى كونتىرولى" ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، كۆپ قىسىملىق قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئا ر د تېلېۋىزىيە قانىلىدىن سىرت، گېرمانىيىنىڭ باشقا ت ۋ ۋە رادىئو قاناللىرىدىمۇ كۆچۈرۈپ ئاڭلىتىلماقتا.
فىلىم ئالغا سۈرگەن ئىدىيىنى بىر جۈملە بىلەن خۇلاسىلاش مۇمكىن: "زۇلۇم بار يەردە قارشىلىق ھامان بولىدۇ. يەنە كېلىپ، مۇتلەق زوراۋانلىققا تايىنىپ ئۆزىنى قۇۋۋەتلەندۈرگەن كۈچلەر، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى زۇلۇم سالغان ئاجىزلارنىڭ قولىدا ھالاك بولىدۇ."