ئۇيغۇر ئېلىدە ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەركىتى بارغانچە كېڭەيتىلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىدىن قەتئىي ھۇشيار بولۇپ، مۇقىملىقىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش" تەشۋىقات ھەركىتىنى، ئىدارە - ئورگان، مەكتەپلەردىن ھالقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىدىكى يېزا-كەنتلەرگىچە، ھەتتا يېزىلاردىكى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىغىچە كېڭەيتمەكتە.

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە يېرىم يىلدىن ئاشقان، خىتاي ھۆكۈمىتى قورال كۈچى بىلەن رايوندىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ رايوندا خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىشى بېسىلمىغان. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن ئېغىر قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلققە ئېغىر زىيان يېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر شارائىتتىمۇ، ئالدى بىلەن بۇ رايوننىڭ مۇقۇملىقىنى قانداق قىلىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش غېمىدە بەكرەك قالغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 16 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مەسۇللىرىنىڭ يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ھازىرقى شارائىتتا مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، " بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىدىن قەتئىي ھۇشيار بولۇپ، مۇقىملىقىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،" دېگەن.

ئوخشاشلا تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ 25 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، 2009 - يىلى، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ئېلىپ بارغان ئاساسى خىزمەت "مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشۇش" دىن ئىبارەت بولغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بولدى،" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى بۇ خىل مۇقىملىق تەشۋىقاتىنى يەنە پۈتكۈل مەكتەپلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدىكى ئاساسى نىشان قىلغان بولۇپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" دەرسلىكى تۈزۈپ تارقىتىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 22 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 23 - يانۋار شەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىر تۇتاش ھالدا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش" دەرسىدىن ئىمتىھان ئېلىنغان ھەم ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ ئىمتىھانغا چوقۇم قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ نەتىجىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارخىپىغا سېلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، غۇلجىدا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرىكەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ تارقىتىلغان بولۇپ، مەكتەپلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى مەزمۇن قىلغان ئەخلاق تەربىيە دەرسى ئومۇمىي يۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر مۇقۇملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەكتەپلەردىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇلۇپ، پۈتكۈل ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھازىر يېزىلاردا دېھقانلار ئارىسىدىمۇ مۇقىملىقنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تەكىتلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دېھقانلارنىڭ بۇ خىل يىغىنلاردىن بىزار بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئامال بار ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ بۇنداق يىغىنلارغا بارمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن تولىمۇ سوغۇق نەزەردە قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يەنە ھازىر كىشىلەرنىڭ ئۆز - ئارا پىكىر بايان قىلىشمايدىغانلىقىنى، ھەممىلا ئادەمنىڭ كۈتۈش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا يېزىلارغىچە ئائىلىلەرنىڭ تېلېفونلىرىغا ئاڭلاش ئاپاراتلىرى ئورنىتىلغانلىقىنى كىشىلەر بىلسىمۇ، لېكىن ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن پەرۋاسىز پوزىتسىيىدە ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ھەتتا دېھقانلارغىچە ھەممىلا ئادەم ياخشى بىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ھازىر گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممە ئامال چارىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى تەكىتلەش، ساقچى - ئەسكەرلەر ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانلىق باستۇرۇش، تۈرمىگە سولاش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ جايدىكى ۋاقىتلىق مۇقىملىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.