خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىن داغدۇغىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىنكاسلار

خىتاي ھازىر بېيجىڭدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، بۇ ئىككى چوڭ يىغىننى جىددىي كۆزىتىۋاتقان شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىنكاسلارنى ۋە يېڭى ئاۋازلارنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭدا يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن (مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ يىغىنى) جۈمە كۈنى باشلىنىدۇ. ئەمما بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغان 'ۋەكىللەر' بۈگۈندىن باشلاپلا بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشكە باشلىغان.

خىتاي ھازىر ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈن چوڭ داغدۇغا پەيدا قىلىۋاتقاندا، بۇ ئىككى چوڭ يىغىننى جىددىي كۆزىتىۋاتقان شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خەلقئارادىكى باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىنكاسلارنى ۋە يېڭى ئاۋازلارنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.

5‏ -، 11‏ -، 12‏ - مارت كۈنلىرىدە، ئىككى چوڭ يىغىن بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك ئىنتېرنېت دىئالوگى ئېلىپ بېرىلىدىكەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككى چوڭ يىغىندا 5‏ -، 11‏ -، 12‏ - مارت كۈنلىرى، ئىككى چوڭ يىغىن بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك ئىنتېرنېت دىئالوگى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ دىئالوگدا سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئالىي سوت ۋە پروكۇراتور خادىملىرى خەلقتىن بىۋاستە سۆزلىشىپ پىكىر ئالىدىكەن.

خىتاي پۇقرالىرىنى شەھەر نوپۇسى، يېزا نوپۇسى دەپ ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ

خىتايدىكى 'يۈننەن خەۋەرلىرى'، 'جەنۇبىي شەھەر گېزىتى'، 'چوڭ دەريا گېزىتى' قاتارلىق 13 يەرلىك گېزىت ئىككى چوڭ يىغىن ۋەكىللىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ، خىتايدا نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 11 ئۆلكىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەشەببۇسلار، خىتاي پۇقرالىرىنى شەھەر نوپۇسى ۋە يېزا نوپۇسى دەپ ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە ھەر ساھەنى بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتايدا كونا نوپۇس تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.

شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي پەرق ھازىر خىتايدا توراقسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا 2009‏ - يىلى شەھەرلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 مىڭ 175 يۈەندىن توغرا كەلگەن. يېزىلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 مىڭ 153 يۈەندىن توغرا كەلگەن. بۇ، خىتايدا 1978‏ - يىلى ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلار ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي پەرق ئەڭ چوڭ بولغان يىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ، ھازىر خىتايدا توراقسىزلىق پەيدا قىلماقتا.

خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە نامىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى كەلگۈسىشۇناس تەتقىقاتچى جوھن نايسبىت ئەپەندى 'خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە نامىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن دۇنيا خىتاينى تەھدىت دەپ قارىمايدۇ ' دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ تەشەببۇسىدا، خىتاي ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60‏ - يىللىرىدا ئىنتايىن قالاق ئىدى، دېڭ شاۋپىڭ 80‏ - يىللاردا ئىسلاھات باشلاپ، ئالدى بىلەن خىتايدىكى كوممۇنىزمنى كاپىتالىزىمغا ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇردى. خىتايدىكى ھازىرقى بۇ تەرەققىيات كوممۇنزىمدىن كەلمىگەن، ئەمما ھاكىمىيەت يەنىلا كوممۇنىست ھاكىمىيىتى. ئەگەر كوممۇنىست پارتىيە ئەمدى خىتايدىكى بۇ تەرەققىيات بىلەن قارشىلاشمايمەن دېسە، دۇنياغا تەھدىت بولۇش نىيىتى بولمىسا، نامىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.

جۇ يۈڭكاڭنىڭ سۆزى دۇنيانى ئالداش، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ

بۇنىڭدىن بۇرۇن 'يېقىندا شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىلىدۇ' دەپ خەۋەر قىلغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن يەنە 'شىنجاڭ مەسىلىسى' نى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ، خىتاينىڭ سىياسىي قانۇن ئەمەلدارى جۇ يۈڭكاڭنىڭ، 1 - مارت كۈنى خەلقتىن ھال سوراش دېگەن نام بىلەن ئۈرۈمچى قەشقەر، شىخەنزىلەرگە بېرىپ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن ھال سوراپ 'شىنجاڭغا تارىختىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىيات ۋە ئەڭ چوڭ ئېچىۋېتىش پۇرسىتى كېلىدۇ، بۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق كۆرۈش كېرەك' دېگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، جۇ يۈڭكاڭنىڭ' شىنجاڭغا ئەڭ چوڭ تەرەققىيات ۋە ئېچىۋېتىش پۇرسىتى كېلىدۇ' دېگىنى دۇنيانى ئالداش، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىلھام بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.