«12-مارت خەلقئارا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارشى تۇرۇش كۈنى» دە خىتاي تەنقىد قىلىندى

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەربىر ئىنساننىڭ ئىنتېرنېتتا خالىغان ئۇچۇرىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى تۇنىس، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە مەيدانغا كەلگەن زور كۆلەملىك خەلق ھەرىكەتلىرىدە ئىنتېرنېتنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، جامائەت پىكرى يىغىش، ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە مەيدان ھازىرلاپ بېرەلەيدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلگەن دىكتاتور دۆلەتلەر تىغ ئۇچىنى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى قامال قىلىشقا قاراتتى. دۇنيادا ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنى قامال قىلىش ۋاسىتىلىرى ۋە دائىرىسىمۇ ئوخشاشلا كېڭىيىپ باردى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مانا بۇ ۋەجىدىن 3-ئاينىڭ 12-كۈنىنى خەلقئارا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارشى تۇرۇش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈن ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا قارىتىشنى مەقسەت قىلغان. دۇنيادا چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان بىرمۇ كومپيۇتېر قالمىغۇچە داۋانى داۋاملاشتۇرۇش چاقىرىقى قىلغان چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن:
«ئۆز-ئارا ئۇچۇر ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋە تارقىتىدىغان ئىنتېرنېت ئەمدى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان فرونتقا ئايلاندى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قامال قىلىنىدىغان دۆلەتلەردە، ئىنتېرنېت كىشىلەرنىڭ بىتەرەپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدىغان بىردىن-بىر مەنبەسى ۋە شۇنداقلا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىدىغان بىردىن-بىر ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى. لېكىن، ئىنتېرنېتنىڭ كۈچىنى تونۇپ يەتكەن ھاكىمىيەتلەر ئۇنى قامال قىلىشنى كۈچەيتمەكتە، ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى قولغا ئالماقتا. ئىنتېرنېت ئابونتلىرى ھازىر ھۆكۈمەتلەرنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.»

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2011-يىلى ئىنتېرنېت ئەرەب باھارىغا ئوخشاش سىياسىي نىشانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغاننىڭ سىرتىدا، جەمئىيەتتىكى چىرىكلىك ۋەقەلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تەنقىد قىلىشتىمۇ كۈچلۈك رول ئوينىغان. مەسىلەن، ۋۇكەن دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىپ، يەرلىرىنى تارتىۋالغان چىرىك ئەمەلدارلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى بۇنىڭ بىر جانلىق مىسالى بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ئىنتېرنېت ۋۇكەن خەلقىنىڭ داۋاسىنىڭ جەمئىيەتكە تارقىلىشىدا، جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي، ئىران ۋە ۋيېتنامدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ دۆلەتنى دۇنيادا ئىنتېرنېت ئەڭ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ۋە شۇنداقلا ئىنتېرنېت ئابونتلىرى ئەڭ ئېغىر تەقىبگە ئۇچرايدىغان دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا: «خىتاي ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل رايونلىرىدا ۋەقە يۈز بەرگەندە ئىنتېرنېتنى كېسىپ تاشلاش ئارقىلىق، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار ئىنتېرنېت قامالىنىڭ تۇنجى زىيانغا ئۇچرىغۇچىلىرى» دەپ كۆرسەتكەن.

كېيىن، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كونگو جۇمھۇرىيىتى، كامېرون ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۆرنەك ئېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەقەلەرنى جىمىقتۇرۇشتا ئوخشاش ۋاسىتىنى قوللانغان. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ خىل دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتتا چەكلەيدىغان مەزمۇن دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ بېرىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا قاراتقان تەقىبنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سۈرىيە، بەھرەيىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆكتىچىلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقان دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى ئۆكتىچىلەرنى شېرىكلىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىشكە قىستاشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ فېيىسبۇك ۋە سكايىپقا ئوخشاش تور بەتكە كىرىدىغان شىفرىسىنى سورايدىغان بولۇۋالدى» دەيدۇ.

ئىنتېرنېت ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بىر ياندىن ئۇنى چەكلىسە، ئۇنى يەنە بىر ياندىن ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، دوكلاتتا، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، ئالدىنقى يىلى ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن بىر خىتاي شوپۇرنىڭ بىر موڭغۇل چارۋىچىنى ئاپتوموبىلدا بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى ئىزدەش ماتورلىرىدا ئىچكى موڭغۇل دېگەن سۆزنى چەكلىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋاقىتتا، خىتاي دائىرىلىرى يەنە، مەخسۇس قىلىپ «قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە دوستلار، ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۇ ۋەقە پەقەتلا بىر قاتناش ھادىسىسى. يامان غەرەزلىك كىشىلەر بۇنى مىللىي مەسىلىگە ۋە ياكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ھۆكۈمىتىمىز ۋەقەگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلمەكتە. بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز...» دېگەنگە ئوخشاش تەشۋىقات باياناتلىرىنى ھەرقايسى تور بەت ۋە بلوگلاردا تۇشمۇتۇشتىن تارقاتقان. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 40 مىڭدىن ئارتۇق مىكروبلوگنىڭ ئۇچۇر ئارخىپىغا ئىگە، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئىنتېرنېت ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان خاككىرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر خىتاي، سۈرىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ نورمال ئارمىيىدىن باشقا يەنە، مەخسۇس ئىنتېرنېت ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغان «ئىنتېرنېت ئارمىيىسى» بار بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ ئارمىيىنىڭ رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي يوسۇندىكى تەشكىللىگۈچىلىرىدۇر. ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان كۆز قارىشى سەۋەبىدىن تۈرمىدە يېتىۋاتقان 117 مەھبۇس بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنە شۇ يۇقىرىدىكى ئۈچ دۆلەتتە.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەنە، 2012-يىلىدىكى ئىنتېرنېت دۈشمەنلىرى دەپ باھالانغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار بېرما، خىتاي، كۇبا، ئىران، شىمالىي كورىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، ۋيېتنام، بەھرەين ۋە بېلارۇس قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت. يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىن سىرت يەنە، قازاقىستان، ھىندىستان، مىسىر، رۇسىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر «كۆزىتىش ئاستىدىكى دۆلەتلەر» قاتارىغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2012-يىلى خىتاي ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش تېخنىكىسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، خۇسۇسىي كومپيۇتېر پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قىستىغان. قازاقىستان بولسا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، گەرچە دېموكراتىيىلىشىش يولىدا قەدەم تاشلاش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋەدىلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قازاقىستان نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشى يۈز بەرگەندە ۋە بىر قانچە قېتىم مەيدانغا كەلگەن سىرلىق پارتلاش ۋەقەلىرىدە ۋە شۇنداقلا پرېزىدېنت نازاربايېفنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئوخشاش خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى قاتتىق قامال قىلىپ، ئالاقىدار تور بەتلەرنى تاقىغان. بەزى شەھەرلەرنىڭ ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلىغان. كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان دۆلەتلەر قاتارىدا يەنە پاكىستان، تاجىكىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرمۇ دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئۇچۇرنى قامال قىلغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەتلەر ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش ئۈچۈن قانداق ۋاسىتىنى ئىشقا سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار سالغان «ئوت تاملار» نى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان تېخنىكىلارنىڭمۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىپ، دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنى قېيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە شۇنداقلا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ ھازىر خەلقئارا دىپلوماتىيىدىكى مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.